ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئايال ناخشىچى-جوۋيى: نازاكەت

تەھرىر: ئابلەت   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-08-12 17:29
جوۋيى(نازاكەت)
تۇغۇلغان يۇرتى : شىنجاڭ غۇلجا
ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئايال ناخشىچى 


 
 
ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى  
 
خەنزۇچە ئىسمى : جوۋيى 
ئۇيغۇرچە ئىسمى : نازاكەت
مىللىتى : خەنزۇ 
كەسپى : ناخشىچى 
قان تېپى : AB
تۇغۇلغان ۋاقتى : 2- ئاينىڭ 8- كۈنى 
بوي ئىگىزلىكى : 162 سانتىمىتىر
ئېغىرلىقى : 45 كىلوگرام
 
سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخى 
 
جوۋيى ( نازاكەت) سەنئەت پۇرۇقى كۈچلۈك بولغان بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان،كېچىكىدىنلا مۇزىكا تەربىيسىنى قوبۇل قىلغان ،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ چالغان ئەرخۇ مۇزىكىسىنىڭ ياڭراق مۇڭ ئاۋازى ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيتى . شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا خىزمەت قىلىش تەجرىبىسى ئۇنىڭغا قويۇق بولغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مۇزىكا ماتىرياللىرى ۋە ئامىللىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش مۇھىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ شۇ جەرياندا ئىجادىيەت قىلىشنى باشلىغان ، نەتىجىدە ئۇ ئۆزىگە خاس بولغان ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىنى ياراتتى .
 


 
جوۋيىنىڭ ئاۋازىدا پەرىق ئىتىش دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان،دوراش قېيىن بولغان ئۆزگىچە بىر خىل ئاۋاز رېتىمى بولۇپ ، ناخشا ئورۇندىغاندا ئاۋازى كۈچلۈك ، ياڭراق . نەق مەيدان ئورۇندىغاندا ئاۋازى لەرزان ۋە كۈچلۈك ، ئادەمنى ھاياجانغا سىلىپ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان گۈزەل ئاۋازغا ئىگە . 
 
ئۇنىڭ گۈزەل يىقىملىق ئاۋازى بولسا دەل ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ توغرا تەبىردۇر.ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئالاھىدە ئاۋازى ھەر قېتىم سەھنىدە ماھارەت كۆرسەتكەندە ھەر ساھە كىشلەرنىڭ ۋە سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ، قوللىشىغا ئىرىشىپ كەلدى .
 
جوۋيىنىڭ بىر قىسىم قاتناشقان پائالىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى :
 
شاڭخەي شىڭۋەيشىڭ شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ( ئاسماندىكى پەرىشتە ) ناملىق پىلاستىنكىسى .
 
گۇاڭدۇڭ جىنيىڭخاڭ شىركىتى ئىشلەپ تارقاتقان مەخسۇس پىلاستىنكىسى .
 
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشقان  .
 
مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىۋى بىلەن ( جوڭنىنغا كىرىش ) ناملىق ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان .
 
مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىۋى بىلەن ( خوتەنگە سەپەر ) قاشتىشى بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان .
 
مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ( گۈزەللىك ئاقسۇدا ) ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل پىروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان .
 
ئۇنىڭ ( شىنجاڭغا مەدىيە ) ناملىق ئىجادىي ناخشىسى جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئىجادىي ناخشا  بولۇپ باھالىنىپ نەق مەيداندا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا  قاتناشقان . 
 
شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان . 
 
غۇلجا خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان .  
 
غۇلجا تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى ناخشىمىزدا غۇلجىنى كۈيلەيمىز ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان . 
 
غۇلجىدا باھار ناملىق چولپانلار ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقان .
 
كۇچا كۆسەن خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان . 
 
شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان . 
 
شىنجاڭ تاكسچىلار ناخشىسى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . 
 
ئۇ يەنە كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشقان . 
 
كىشلەرنىڭ باھالىرى : 
 
جوۋيىنىڭ ئاۋازى تارىخى شىئىرلارغا، خەلق ناخشسى ، داستان ، مۇقام قاتارلىق غەربى يۇرتنىڭ ئۇلۇغ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى . ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقىي ئەل ئىچى ۋە يايلاق مەدەنىيتىگە ۋەكىل بولۇپ كەڭ تەبىئەتكە ، زىمىنغا ۋە قەلىبنىڭ كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . 
 


 
مۇزىكا نۇرغۇن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئاشلىقى ۋە يىمىكى بولۇپ ئۇنى ئىتىقات دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن . بۈگۈن بۇ ئەنئەنىلىرىمىزگە قانداق ۋارىسلىق قىلىشتا يىڭى ئورۇنداش ماھارىتى بولۇش بىلەن بىرگە ناخشىچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ، تالانتى ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
 
جوۋيى نۇرغۇن بەدەللەرنى ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ، بولۇپمۇ ( ئاسماندىكى پەرىشتە ) ناملىق پىلاستىنكىسىدىكى ھەر بىر ناخشىسى ئۇنىڭ ئۆز كەچمىشى ۋە ھىس تۇيغۇسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ بۇ كۈيلەر ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ۋە بالىلىق ئەسلىمىلىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان . ئۇنىڭ ئاۋازى يىقىملىق ۋە لەرزان گويا گۈزەل چۈشتەك ،ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر جايلاردا ھەر خىل تىلدا بولۇپمۇ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ، قازاقچە تىللاردا ئارلاشما ئاۋازدا ناخشا ئىيتقاندا مۇزىكا دەل سۆزلىشىش ۋە دىئالوگ قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ ماكان زامان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مىللەت ۋە قەلب ئارىسىدا زور قىممەتكە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ . 
 
ـــــــ  شىنۋىي 
 
ئۆزىنى بايان قىلىش


 
مەن ئۈچۈن ئىيتقاندا مۇزىكا مېنىڭ قەلبىمدە چوڭ بولغان ، باشتىن ئاخىر مېنىڭ كاللامدا روھىي دۇنيارىمدا مەۋجۇت بولۇپ ئەۋىج ئۇرۇپ كەلگەن. مىنىڭ ئەتراپىمدا مەن بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ ، تاماق يىگەندەك، ئۇخلىغاندەكلا تەبىي ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن . مېنىڭ مۇزىكام ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەيدۇ . چۈنكى مېنىڭ تۇغۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان ئەسلىمىلىرىمدە ئۇ مەن بىلەن بىرگە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق ،ئۇ مەڭگۈ قەلبىمدىن توختىماستىن ئۈزلۈكسىز ئېقىپ چىقىدۇ . 
 
 
百灵鸟:
 
تېكىستى : مەلىكە زىياۋۇدۇن
مۇزىكىسى : ئىسكەندەر سەيپۇللا 
خەنزۇچە تەرجىمىدە : جوۋيى
مۇزىكا ئىشلىگۈچى : ئەسقەر
 
جوۋيىنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسىدىكى ناخشىلار
 
قارا دەيدۇ 
تارىم 
قارلەيلىسى
بۇلبۇللار
ئاسماندىكى پەرىشتە
ئەي باللار
ساما 
مۇدەنخان
ئازاتلىق
قارا كۆز
 
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315