ئىسمائىل يۇرت سۆيەر

تەھرىر: gulxan   مەنبەسى:چىمبۇلاق تورى   يوللانغان ۋاقتى:2016-06-15 16:02
تەپسىلى ئارخىبى

 

 




ئىسمائىل يۇرت سۆيەر- 1978 يىلى -6 ئاينىڭ -5 كۈنى گېرمانىيىنىڭ ھام شەھىرىدە تۇغۇلغان،ئىسمائىل 13 يىشىدا قىرىنداشلىرى بىلەن سەھنە ھاياتىنى باشلىغان،ئۇلار يۇرت سۆيەر قېرىنداشلار گورۇپپىسىغا قاتناشقان.
ئىسمائىل 1995-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن پۈتۈن ۋاقتىنى مۇزىكىغا بېغىشلىغان.ئىسمائىل  يۇرت سۆيەر قېرىنداشلار گورۇپپىسسىنىڭ ئەزاسى مەزگىلىدە ئۇلار 1985-يىلىدىن1987-يىلىغىچە نۇرغۇن پلاستىنكا)ئالبۇم( لارنى چىقارغان ھەم ھەرخىل نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

ئىسمائىل نۇرغۇن ساز چالغۇلارنى چالالايدۇ.سەدا سايان،كىبارىيە ئەبرۇ ياشاردەك سەنئەتكارلارغا گۈزەل مىلوىيەلەرنى يىزىپ بەرگەن. ئىسمائىل ئۆزىنىڭ يالغۇز ئالبۇمى ئۈچۈن2002-يىلىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىپ 2004-يىلى5-ئاينىڭ8-كۈنى  ئۆزىنىڭ تۇنجى يالغۇز ئالبۇمى« شاپاۇر شۇپۇر»  نى چىقارغاندىن كىيىن تونۇلۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇ تۈركىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەنئەتكارلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ بۇ پىلاستىنكىسى تۈركىيىدە بىر مىليون ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ نۇسخا سېتىلىپ ھەم شۇ يىلى تۈركىيەدىكى ئەڭ بازارلىق ئالبومغا ئايلانغان. شۇنداقلا «مۈ ئەپ»' ئالبۇم مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئىككى يىلدىن2006-يىلى ئىسمائىل  مۇزىكا ساھەسىگە ئىككىنچى ئالبۇمى 
Bombabomba.com 
 نى چىقىرىپ ئۆزىنى تېخىمۇ كەڭ تونۇتتى ،بولۇپمۇ  
'Allah belanı versin'    
دېگەن ناخشا ئالاھىدە كەڭ تارقالدى ھەمدە بۇ پلاستىنكا 600مىڭ دىن ئارتۇق تارقىتىلىپ شۇ يىلدىكى بازارلىق پىلاستىنكىلار ئارىسىدا بىرنچى قاتارغا ئۆتتى . شۇنداقلا «يىللىق ئەڭ كۆپ ئېتىلغان مېخانىك ئالبۇم» ھەم«يىللىق ئەڭ كۆپ سىتىلغان دىجىتال)سېفىرلىق( ئالبۇم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەمدە تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات 
« Diamond» 
  مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2008 - 5 ئايدا
 « Bas Gaza»   
 نى تارقاتتى، بۇ پلاستىنكا2008-يىلى 6-ئايدىن7-ئايغىچە يەتتە ھەپتە بىرىنچى بولدى.
'MÜ-YAP' ،'Kral Tv'، 'Digital' 
قاتارلىق بايراملاردا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ھەمدە دۇنيادىكى داڭلىق >نيېلسسېن مۇزىكا شىركىتى<نىڭ دىققىتىنى تارتتى.
2009-يىلى 2-ئايدا ئۇ ئۆزىنىڭ تۆتىنچى ئالبۇمىHaydi Bastir نى چىقاردى ،بۇ پلاستىنكا تۈركىيىدە جەمى بىر مىليون 500مىڭ نۇسخا سېتىلىپ چوڭ بىر رېكورت يارىتىلدى.  
‘Çılgın/Facebook’ دېگەن ناخشا پۈتۈن دۇنيادا كاتتا نەتىجە قازاندى، تۈركىيە ھەم ياۋروپادىكى مىليونلىغان مەستانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئىسمائىل يۇرت سۆيەر تۈركىيىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان  داڭلىق ناخشىچىلىرىنىڭ بىرى، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مەستانىلىرى بولۇپ،يەنە تۈركىيەدىكى ناخشىلىرى  باشقا تىللارغا ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغان سەنئەتكار، ئۇنىڭ ئاھاڭى ھەم تېكىستىنى ئۆزى يازغان نۇرغۇن ناخشىلىرى ياۋروپا ھەم دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە نۇرغۇن سەنئەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ ئېتىلماقتا. ئۇ داڭلىق تور بىكەت 
youtube  دا ناخشىلىرى ئەڭ كۆپ چېكىلگەن تۈرۈك سەنئەتكارى،  ناخشىلىرى ئەڭ كۆپ چېكىلگەن ياۋروپا سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى.
ئىسمائىل 2011-يىلى 2-ئايدا«كىم تۈرۈك ياشلىرىنىڭ ئايدولى بولىدۇ» دېگەن تەكشۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.2010-يىلى ئەزەربايجاننىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى سەنئەتكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.ئىسمائىل 2011-يىلى6-ئاينىڭ9-كۈنى تارقاتقان بەشىنچى پلاستىنكىسى  Psikopat نى تارقاتتى.ئالبۇمدىكى باش ناخشا    ‘One Minute’   تورىدا ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر مىليون قېتىم ئاڭلىنىپ رېكورت يارىتىلدى


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315