ھەبىبۇللا موللام

تەھرىر: gulxan   مەنبەسى:چىمبۇلاك تورى   يوللانغان ۋاقتى:2016-06-13 12:00
تەپسىلى ئارخىبى
 


 

ئىسىم فامىلىسى:ھەبىبۇللا موللام 
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1974-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تۇغۇلغان جاي: غۇلجا قورغاس ناھىيىسى
ئېكرانغا تۇنجى چىققان ۋاقتى:2002_يىلى
تۇنجى ئېكران ئوبرازى:خې ئەمىر
قان گۇرۇپپىسى: o تىپ
بوي ئېگىزلىكى:1.71مېتىر                              
مۆچىلى : يولۋاس 
بالىلارنىڭ نەچچىنچىسى: بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى    
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان كىشى: ئاتا-ئانىسى
ئۆزىگە ياقىدىغان پەسىل: قىش ۋە ياز                
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈل: ئەتىر گۈل
ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ:قىزىل رەڭ  
 ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى:‹‹ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟››
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر چولپىنى: خالمۇرات ئۆمەر، ئابدۇللا ئابدۇرىھىم 
ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابى: «ئانا يۇرت››
ئەڭ رازى بولغان ئېكران ئوبرازى: خې ئەمىر، توختى پاڭ
ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىقى: تۇنجى پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 
ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۆكۈنىدىغان ئىشى: سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇيالمىغىنى
ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەقىدىسى:ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش.
ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى: مۇزىكا چېلىش
تاماشىبىنلىرىغا دەيدىغان سۆزى: خەلقنىڭ تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن خالايمەن.
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچى ـ شائىر: لۇتپۇللا مۇتەللىپ،
 زوردۇن سابىر ،مۇھەممەتجان راشىدىن. 
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار: مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن،
ئادىل مىجىت
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا:    ‹‹ئەجەم››
ئەڭ چوڭ ئارزۇسى: مىللەت ئۈچۈن ياراملىق سەنئەتكار بولۇش
خاراكتېرى: كىچىك پېئىل
مىجەزى: خۇشچاقچاق، چېقىشقاق،ئوچۇق مىجەز
جۆرىسى: گۆھەربانۇم
جۆرىسىنىڭ كەسپى: ئائىلە ئايالى 
 ھەبىبۇللا موللام،-1974يىلى2 -ئاينىڭ 2-كۈنى  غۇلجا قورغاس ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر يىزىسىنىڭ كۆنچى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 
ئەسلى ئىسمى ھەبىبۇللا موللام بولغىنى بىلەن ئۇنى كىچىكىدىنلا مەھەللە –كويدىكىلەر،ئەل-ئاغىنىلىرى  ئىسمىنى قىسقارتىپ ‹‹ئەبەي››،‹‹ئەبەيخان›› دېگەندەك قىسقارتىلما ئىسىملار بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. 
ئۇ 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە پارلاق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان. 
1985-يىلىدىن 1989-يىلىغچە قورغاس ناھىيىلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان. 1989-يىلى شىنجاڭ ماشىنسازلىق ئىلىكتىرۇن تىخنىك مەكتىپگە قوبۇل قىلىنىپ 1992-يىلى 7-ئايدا پۈتتۈرگەن. 
1992-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ياغاچ ماتېرىيال تىرانسىپورت شىركىتىگە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ، 2000-يىلى  7-ئايدا كارخانا ۋەيران بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىزمەتتىن توختاپ قالغان. 
ھەبىبۇللا موللام سەنئەت ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاچقا سەنئەتكە كىچىكىدىنلا قىززىقاتتى ، ئۇ گىتتار چىلىپ ، ناخشا ئىيتىپ  مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن . 
 ئۇنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ئەڭ ئۆزگىچە بولغان يەنى تاققا-تۇققا ،داڭقان-پۇتى گەپلەر بىلەن خەلىقنى كۈلدۈرۈپ كەلگەن . 
ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىچە سۆز ئويۇنى ئەل ئارىسىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى ، 
ئۇنىڭ بۇ سۆز ئويۇنى يىڭىچە ئۇسلۇب بولغاچقا كىشىلەرنىڭ دىىققىتىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزىگە تارتتى. ھەممە ئادەم ئۇنىڭ شۇ قىززىق،ئۆزگىچە بولغان گەپلىرىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ  قىلىدىغان بولدى . 
 بۇ ھەبىبۇللا موللامنىڭ بۇنداق قىززىق، يۇمۇرىستىك سۆز ئوينىنى چوڭ سەھنىگە ئىلىپ چىقىپ خەلقنى ئۆزىگە قارىتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئۇنىڭ تاغىسى يەنى ئاپىسنىڭ ئىنىسى ئابدۇرىشىت مۇھەممەت چوڭ تەسىر قىلغان ، ئۇنىڭ تاغىسى ئابدۇرۇشىت مۇھەممەت، ھەبىبۇللاغا  ئوحشىمايدۇ، ھەبىبۇللام سەھنىدە تاققا-تۇققا سۆزلىسە ، تاغىسى ناھايىتى يۇمۇرىستىك بولۇپ ئادەتتىكى تۇرمۇشتا تاققا-تۇققا سۆزلەييتتى . 
مەسىلەن: ھەبىبۇللام تاغىسدىن :‹‹رىشىتكا ئۆيۈڭگە باراي دىگەنتىم ، ھەدىمىز نېمە تاماق ئىتىۋاتىدۇ؟›› دەپ سورىسا رىشىتكام:‹‹ ھەدەڭ، ئۈزۈپ تاشلاپ مانتا ئىتىۋاتىدۇ ياكى بولمىسا گاڭپەنگە خېمىر يۇغۇرۋاتىدۇ.›› دەپ جاۋاب بىرىدۇ.
 يەنە بىركۈنى ھەبىبۇللام تاغىسى رىشىتكامنىڭ ئۆيىگە بارسا، رىشىتكام قازان بىشىدا سەي قورۇۋاتقان ، ھەبىبۇللام :‹‹ يە رىشىتكا ھەدىمىز نەگە كەتتى ؟ سەينى ئۆزۈڭ قورۇپ كىتىپسەنغۇ؟››سەپ سورىسا ، رىشىتكام :‹‹ئۇ ھەزىلەك ، بۆرتالاغا كەتكەن ›› دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.
 رېشىت مۇھەممەت بىر كۈنى، دەۋازا ئالدىغا چىقىپ تۇرسا ، ئۇنىڭ ئالدىدىن مەھەللىسىدىكى بىر بالا ئۇنىڭغا باش لىڭىشتىپ قويۇپلا ، ۋىلىسپىتىنى ئۇچقاندەك تېز ھايداپ ئۆتۈپ كېتىپۇ، ئۇ بالا  ئېغىر ۋېلىسپىتىنى ھايداپ تىك دۆڭگە  چىقىۋىتىپ يېرىمىگە  كەلگەندە ، رىشىتكام ئۇنى ئۈنلۈك تولاپتۇ ،:‹‹ھەي تۇرسۇن! بۇياققا كىلە ئۇكا گەپ با!›› دېسە :‹‹نېمە گېپىڭ با رىشىتكا ؟! باياتىن دېسەڭ بولمامدۇ؟›› دەپ سورىسا،رىشىتكام:‹‹بولە چاققان !›› دەپ بىچارە بالىنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئەكەپتۇ، ئۇ بالا كېلىپ:‹‹ نېمە دەيسەن؟›› دېسە ئۆيگە باشلاپ كىرىپ چوڭ سۇ تۇڭىنى كۆرسىتىپ :‹‹ماۋۇنى كۆردۈڭمۇ ئۇكا ؟ ھەدەڭ تولدۇرۇپ قويۇپتۇ›› دەپ بىچارە بالىنى تازا چاپتۇ . 
يەنە بىركۈنى چۈشتە رىشىتكامىنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرسە، رىشىتكام ئۇخلاۋاتقان شۇنىڭ بىلەن بۇنى كۆرگەن ئاپىسى :‹‹ھەي رېشىت ، چۈشكىچىمۇ ئۇخلىغان بارمۇ؟ يىشىڭ 40 قا كىرىپ قالدى سەھەر تۇرۇپ ئىش قىلساڭ بولمامدۇ؟ ›› دەپ سورىسا ،رىشىتكام كۆزىنىمۇ ئاچماي تۇرۇپ :‹‹چاتىقىڭ نېمە ›› دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ، بۇنى ئاڭلىغان ئاپىسى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ :‹‹ھەي چاتتىقىڭ نېمە؟ دىگىدەك بوپ كەتتىڭما؟ ، مۇسۇلمان قائىدىسى بويىچە مىنى يەتتە قېتىم ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپىرىپ ، يۈدۈپ ئەكەلسەڭمۇ بالىلىق قەرزىڭ تۈگىمەيدۇ! چۈنكى مەن سىنى ئىمىتىپ چوڭ قىلدىم ›› دىسە ، رىشىتكام ئىككىلەنمەي :‹‹ ۋاي ئاپا ، مەھەللىدىكى شۇپۇرنى ئىىتىپ باقە سىنى چىڭسىخوسىغا ئاپىرىپ قويامدىكىن!›› دەپ جاۋاب بىرىدۇ . 
ئابدۇرىشىت مۇھەممەت مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك، تاققا-تۇققا گەپلەرنى قىلىپ باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ يۈرىدىغان ئادەم بولغاچقا ئۇنىڭ بۇ خارەكتىرى ۋە قىزىقارلىق مىجەزى ھەبىبۇللاغا ناھايىتى چوڭ تەسىر قىلغان
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى يۇمۇرىستىك بىر ئائىلە   . 
ھەبىبۇللام 2008-يىللىق قۇربان ھىيىتلىق سەنئەت كىچىلىكىدە ‹‹لەتىپىچىلەر كۇلۇبى›› دېگەن نومۇردا ئۆزنىڭ تالانتىنى خەلققە يەنە بىر قىتىم  زور نامايەن قىلىپ،پۈتۈن شىنجاڭدا غۇلغۇلا قوزغىدى. 
 ئۇ يەنە كۆپلىگەن قىزىقارلىق كىنو-فىلىم ۋە ئىتوتلاردا ناھايىتى يۇمۇرىستىك روللارنى ئالغان. مەسىلەن:‹‹بەڭگىلەر ماجراسى›› ،‹‹قىرلىق ئىستىكان پاجىئەسى›› ،‹‹توختى پاڭ››  قاتارلىق كومىدىيىلىك كىنولاردا ناھايىتى ياخشى روللارنى ئالغان،ئۇ ‹‹يەنە خې ئەمىر غۇلجىدا››،‹‹توختى گاداي باي بولدى››، ‹‹لەتىپىچىلەر كۇلۇبى›› قاتارلىق ئىتوتلاردىمۇ ناھايىتى ياخشى ،ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى.ئۇ يەنەگېتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ياخشى يېتىلگەن بولۇپ ئۇنىڭ ‹‹گۈزەل قورغاس››،‹‹ئىيت ناخشاڭنى دېھقانلار›› قاتارلىق ناخشىلىرىنى كىشىلەر سۆيۈپ ئاڭلىماقتا.

 
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315