ئەسقەر مۇھەممەد

تەھرىر: aydeng   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-27 18:04

ئەسقەر مۇھەممەد 

 
ئەسقەر-شىنجاڭدا تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، «كۆك بۆرە» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىسى. ئەسقەر ئۆزىنىڭ مۇزىكىلىرىدا ئۆزىنىڭ ناخشا-مۇزىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى، دۇنيا مۇزىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى ۋە روك مۇزىكىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىچىگە سىڭدۈرۋەتكەن، ئۇ شىنجاڭ ئىجادى ناخشىلىرى ئىچىدىكى بىرخىل ئۇسلۇبنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو ھەتتا ئاسىيادىكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان مۇزىكانتلارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى مۇساپىسى
ئۇ 1980-يىلدىن باشلاپ  گىتتار ئۆگەنگەن. 1982-يىلى كىنو ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە بۆلۈنگەن.  1986-يىلى ليۇۋجياڭشۈن بىلەن بىرلىكتە گىتتار مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان ھەم دۇمباقچىلىق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ مۇزىكا ئەترىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتىگەن.
1987-يىلى «سەيئاشى» ئانسانبىلىنى قورغان. 1989-يىلى «ياۋا بالا» روك ئانسانبىلىنى قۇرغان. 1991-يىلى كۆك بۆرە ئانسانبىلىنى قۇرغان. 1992-يىلى ئەسقەر ھەرمىللەت مۇزىكىلىرىنى تېخىمۇ چۈشۈنۈش ئۈچۈن جەنۇبقا بېرىپ مۇزىكا ماتېرىياللىرىنى توپلىغان. 1994-يىلى 8-ئايدا ئەسقەر ياپونىيە بىلەن شياڭگاڭ شېرىكلىشىپ ئىشلىگەن «ھەرپ پلاستىنكا» سىنى ئىشلىگەن ھەمدە پۈتۈن يەر شارى بويىچە بەش  چوڭ پلاستىنكا شىركىتىنىڭ بىرى  بولغان   BMG   شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئەمانىڭ يېشى» ناملىق پلاستىنكىسىنى تارقاتقان.  1996-يىلى 2-ئايدا « لۇتپۇللا » ناملىق ئىجادىيىتى ياپونىيە SONY پلاستىنكا شىركىتى نەشر قىلىپ تارقاتقان ئاسىيا جەۋھەرلىرى «MAX ASIA» دا لىنتىغا ئېلىنغان ھەمدە شۇ يىلى ئۆزىنىڭ «كۆك بۆرە» ناملىق تۇنجى پلاستىنكىسىنى تارقاتقان. 1997-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چوڭ تىپتىكى مۇزىكا  مەخسۇس فىلىمى «مۇزىكا تارقىتىش بېكىتى» تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىپ 150 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدە تارقىتىلغان. 2000-يىلى «بەخت» ناملىق پلاستىنكىسى تارقىتىلغان. شۇ ئايدا بۇ پلاستىنكا جۇڭگو بويىچە تۆتىنچى پەسىللىك ئون مۇنەۋۋەر ناخشا دېگەن نامغا ئېرىشكەن . 2001-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو رادىئو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت مۇكاپاتى مەملىكەت بويىچە تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2002-يىللىق باھار بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈل ئېچىش سەنئەت پروگراممىسىدا تاماشىبىنلار ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگودىكى ئالاھىدە مۇزىكانت بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيە NAK تېلېۋىزيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.  2004- يىلى 4-ئاينىڭ 19- كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزيە ئىستانسىسى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى» پروگراممىسىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان. 2005-يىلى 7- ئايدا «خۇايى ئاكا-ئۇكىلار » پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ ئۆزىنىڭ 3-پلاستىنكىسىنى ئېلان قىلغان. 2006-يىلى 1-ئايدا ئاسىيا جۇڭېلياڭ تەتقىقات يىغىنى تارقاتقان مۇنەۋۋەر ئانسانبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2-ئايدا جۇڭگو مودا مۇزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسىغا تەيىنلەنگەن. 
تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى
1988-يىلى «غەربىي دىياردىكى ئۇسۇل مەستانىسى» ناملىق فىلىمدە ئاساسلىق رول ئالغان ھەمدە فىلىمدىكى بارلىق ناخشىلارنى ئۆزى ئېيتقان. شۇنداقلا تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا كېلىپلا كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىگە ئېرىشكەن. 1989-يىلى «شاتلىققا چۆمگەن دۇنيا» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. 1990-يىلى «ئەرلەر تانسىخانىسىدكى ئايال چولپان» ناملىق فىلىمدە ئاساسلىق رول ئالغان. 1994-يىلى «ئوينا» ناملىق MTV سىنى ئىشلەشكە  ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان. 2005-يىلى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «خەنۋۇ ئىمپرىيىسى» ناملىق فىلىمنىڭ پۈتۈن مۇزىكىلىرىنى ئىشلىگەن ھەم ناخشىلىرىنى ئۆزى ئېيتقان. كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «نەسىردىن ئەپەندى » فىلىمىنىڭ پۈتۈن مۇزىكىلىرىنى ئىشلىگەن. شۇ يىلى 4-ئايدا ۋاڭ لىخۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يۈننەندە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاخاخا» ئېلانىنى سېنارىيىگە ئېلىشكە قاتناشقان.
ناخشا كېچىلىكلىرى
ئەسقەر 1991-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1992-يىلى ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭدا ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزدى. 1994-يىلى 5-ئايدا گۇاڭجۇ، شېنجىن، خەينەن قاتارلىق جايلاردا سەييارە ئويۇن قويدى. 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى خەلق سارىيىدا «بەخت» ناملىق ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.
2003-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارالىق قىزىل كىرست جەمئىيىتى جۇڭگو كېڭەشمىسى بېيجىڭ خەلقئارا مەكتىپىدە ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە  ئۇچرىغان خەلىقلەرگە ئىئانە توپلاش» ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشتى.
2004-يىل 4-ئايدا فرانسىيىدە خەلقئارالىق سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى باشلىغان.
خەلئارادا ئويۇن قويغان ئىش پائالىيەتلىرى
1995-يىلى « جۇڭگو پاپونىيە ياش ئۆسمۈرلەر تىنچلىق دوستلۇق مۇساپىسى » پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1998-يلى 3-ئايدا فىلىپىندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان. 1999-يىلى پورتگالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مىللەتلەر مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان. 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى فرانسىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقان. 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇزىكا بايرىمىغا قاتناشقان.
تېلېۋىزىيە كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى
2001-يىلى ۋە 2001-يىللىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن «بىزنىڭ ناخشىمىز» ناملىق سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشقان. 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دۆلەت بايرىمىغا تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشقان. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن سەككىز ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ باھار بايراملىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان.
ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان سەنئەت پروگراملىرى
1997-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى chennel[v] ئۆتكۈزگەن «ئالاھىدە جۇڭگو» ناملىق سەنئەت پروگراممىسىنىڭ 10-قىسمىغا قاتناشقان ھەم «جىرلا» دېگەن ناخشىسىنى تاماشىبىنلارغا سۇنغان. 2001-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مىكسىكا زۇڭتۇڭىنى كۈتۈۋېلىش ناخشا كېچىلىكىگە قاتناشقان. 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى غەرب قانىلىنىڭ ئەزىز مېھمىنى سۈپىتىدە نۇمۇر كۆرسەتكەن. 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئېچىلغان جۇڭگو خاڭجۇ كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ھەم ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە نومۇر كۆرسەتكەن.
 2005-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قورۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان.
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315