ياپونىيەدە ئىگىلىك تىكلىگەن ياش - ئابلەت ھەبىبۇللا

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:كارۋان تورى   يوللانغان ۋاقتى:2016-06-24 13:46


     ئابلەتجان ھەبىبۇللا 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كورلا شەھىرىنىڭ سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كورلا شەھىرىدە تاماملاپ، 2000 -يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا مائارىپى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 2005-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئىستىكى بىلەن 2006-يىلى 2-ئايدىن 2007-يىلى 2-ئايغىچە جۇڭگو شەرقىي شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستېتىدا ياپون تىلى ئۆگەنگەن. 2008-يىلى توكيو ماشىنىسازلىق ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئۇچۇر ئىلمى كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان، دوكتورلۇق 3 يىل ئوقۇشنى تاماملاپ، دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى ئېلىپ، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ماقالە ئېلان قىلىپ ئېلىش نىيىتىدە بولغان. ئوقۇش جەريانىدا، ياپونىيەدە ئىگىلىك تىكلەش ئىستىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئاپتوموبىل، موتىسكىلىت ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىغا ئاساسەن، نىمكەش ماشىنا سودىسىغا قىزىقىپ قالغان.
    ياپونىيەنىڭ تور سودىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغاچقا، ئابلەتجان ھەبىبۇللا توردا نىمكەش ماشىنا سودىسى قىلىپ بېقىش خىيالىغا كەلگەن. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا نىمكەش ماشىنا سودىسى قىلغانلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن. شىركەت قۇرۇپ، ماشىنا توختىتىش ئورنى تەييارلاشقا نۇرغۇن مەبلەغ كەتكەچكە، دەسلەپتە باشقىلارنىڭ شىركىتىدە سىناق تەرىقىسىدە سودا قىلىپ تەجرىبە توپلاش قارارىغا كەلگەن ھەمدە 2010-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ بېنگاللىقنىڭ شىركىتىنى ئىشلىتىپ سودا قىلىشقا پۈتۈشۈپ سودىسىنى باشلىغان. تىجارەت جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ بوشاشماي سودىسىنى داۋاملاشتۇرغان. 2010-يىلى 4-ئايدىن 2012-يىلى 8-ئايىغىچە سىناق تەرىقىسىدە سودا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزئالدىغا شىركەت قۇرۇش تەييارلىقلىرىنى ھازىرلاپ، 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى «كىروران خەلقئارا سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى»نى رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ سودىغا كىرىشىپ كەتكەن.
     ئۇ مەزگىل ئابلەتجاننىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان، ئوقۇشى تېخى تاماملانمىغان مەزگىل بولغاچقا، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ يەنە بىر تەرەپتىن شىركەت ئىشىنى راۋاجلاندۇرۇش ئابلەتجانغا تولىمۇ ئېغىر كەلگەن. شۇنداقتىمۇ ئاپتوموبىل سودىسى ئۆزىنىڭ قىزىققان تۈرى بولغاچقا، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي ئۈزۈكسىز ئىزدەنگەن. 2014-يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق 3 يىللىق ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن نىمكەش ماشىنا سودىسىغا كىرىشىپ كەتكەن. شىركەت قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە شىركەت نامىدا بىرلا ۋاقىتتا توردا بازارغا سالغان ماشىنىنىڭ سانى 250 گە يەتكەن ۋە ماشىنا توختىتىش مەيدانى 4 ئورۇنغا كۆپەيگەن. 2014-يىلى دوستى رىزايىدىننىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى زىلاندىيەدە كىروران خەلقارا سودا شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان.
ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىشلەپ، ئاخىرىدا ئىگىلىك تىكلەشكىچە بولغان جەريانلارنى پەقەت ئابلەتجان ھەبىبۇللا ئۆزىلا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھېس قىلالىشى مۈمكىن. ئوقۇرمەنلىرىمىزگە نىسبەتەن ئۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى، چەت ئەلدە تۇرۇپ ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىچى، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغۇچى... ئەمما، قانداق كۈچ ۋە ئېنېرگىيە ئابلەتجان ھەبىبۇللانى مۇشۇنداق يولدا ئۆزىگە يارىشا نەتىجىگە ئېرىشتۈردى؟ ۋاز كەچمەيدىغان تىرىشچانلىق بولسىلا، نىشان–مەقسەت ئېنىق بولسىلا، نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ بۇ يولدا ئۇ يەككە–يىگانە ھالدىمۇ ياكى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغانلار بارمۇ؟ مانا مۇشۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بولۇشنى ئىستىگىنىمىزنى بىلگەندەكلا، ئابلەتجان ھەبىبۇللا قەلبىنىڭ قېتىدىكى سىرلارنى بىزگە ئېيتىپ بەردى.
    «2005–يىلى 7–ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتىم. ئەمما، ياپونىيىدە ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلگەچكە، خىزمەتنى تاشلاپ، 2006–يىل 2–ئايدىن 2007–يىلى 2–ئايغىچە بىر يىل شەرقىي شىمالدىكى چاڭچۈن (شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى)دە ياپون تىلى ئۆگەندىم. گەرچە مەقسەت–نىشانىم ئېنىق، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئاتا–ئانا، ئۇرۇق–تۇغقان، دوست–بۇرادەرلەر ئالدىدا تەييار خىزمەتنى تاشلاپ چىققان بولغاچقا، خېلى چوڭ بېسىم ھېس قىلدىم. مەن بىر يىللىق تىل ئۆگىنىشنى ياپونىيەگە چىقىپ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ پۇرسەت دەپ بىلىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، 15 سائەتلەپ ئۆگىنىش قىلدىم. ئەجرىمگە يارىشا، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغدا مەن 7 سىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىرىنچى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۈم ۋە ياپونىيەگە ئوقۇشقا ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ يۇرتۇمغا قايتتىم. ئويلىمىغان يەردىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ساقلىغان ۋىزا ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ چاغدىكى روھىي بېسىم ۋە ئىككى يىللىق ئىقتىسادىي بېسىملار... ۋىزا ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنغانلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، مەن ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىر بىلىندى. ئادەم ئۈچۈن بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە يۆلەيدىغان، ياردەم قولىنى سۇنالايدىغانلار بار دېسە، مەن ئاتا–ئانامدىن باشقا يەنە بىر جۈپ قېرىندىشىمنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئالىمەن.
     ئاتا–ئانام مېنىڭ ئەڭ يۆلەنچۈكىم، قوللىغۇچىم ئىدى. مېنىڭ خىزمەتنى تاشلاپ، چەت ئەلگە ئوقۇش چىقىش قارارىم بولسۇن، تىل ئۆگىنىش جەريانلىرىم بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مېھرىبان ئاتا–ئانام باشتىن–ئاخىر مېنى قوللاپ كەلدى. ئەمما، ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ۋىزا ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ قاتتىق روھىي بېسىم ئاستىدا قالغانىدىم. مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ۋارىسجان ئەخمەت ۋە گۈلنۇر روزى بىر جۈپلەر ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالدى. ۋارىسجان ئاكام بىلەن چاڭچۈندە ئوقۇۋاتقاندا تونۇشقانىدىم. مەن چاڭچۈندىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە، ۋارىسكام بىر قانچە ياپونىيەلىك مېھمانلارنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىدۇ ۋە كورلىغا كەلگەندە مەن بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.
    كورلىدا بىللە يۈرۈپ ئەسرالىشىش جەريانىدا، ۋارىسكامنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ساياھەتكە كەلگەن ياپونىيەلىك ئايال مېھمان مېنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمنى بىلىدۇ ۋە ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشىم ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ. ۋارىسكام ۋە ياپونىيەلىك ئايال مېھمان مەن ئۈچۈن كاپالەتچى بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە ۋىزا ئىشلىرىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىپ بېرىدۇ. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمغا ھېچنېمە تەڭ كەلمەس دەپ ئويلايمەن، ئاتا–ئاناممۇ خۇشلۇقىدىن كۆز يېشى قىلىپ كەتكەنىدى. ۋارىسكام ۋە ھېلىقى ياپونىيەلىك ئايال بىلەن ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇردۇم، ئۇلار مېنىڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىمدا داۋاملىق تۈردە مەسلىھەت بېرىپ تۇردى. ۋارىسكام ۋە ئايالى گۈلنۇر روزىلار ياپونىيەدە 8 يىل تۇرغاندىن كېيىن 2011–يىلى 3–ئايدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ھازىر خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ۋارىس ئەخمەت ئاكا ۋە ئايالى گۈلنۇر روزىلارنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىغا ياپونىيەدە پۈتۈن ھۇجۇدۇم بىلەن ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش بىلەن قايتۇرۇشنى نىيەت قىلدىم ھەم پەقەت شۇنىلا ئويلاپ يېتەلىگەنىدىم. چاڭچۈندە تىل ئوقۇش جەريانىدىلا ئاساسنى ياخشى سالغانلىقىم ئۈچۈن، ياپونىيەگە چىققاندا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىدىم. ياپونىيەنىڭ يۇقىرى ئسىتېماللىق تۇرمۇشى ۋە ناھايىتى يۇقىرى پۇللۇق ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن ئىشلىمىسەم بولمايتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەن 5:00 دە ئورنۇمدىن تۇرىمەن، سائەت 6:00 دىن 12:00 گىچە ئىشلەيمەن، 1:30 دە مەكتەپكە بارىمەن، چۈشتىن كېيىن 5:30 دىن باشلاپ يەنە كەچ سائەت 10:00 غىچە ئىشلەيمەن، ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئۇزاقراق ئۇخلاپ، كەم قالغان ئۇيقۇمنى تولۇقلىۋالىمەن. بۇ يەردىكى ئىشىم سائەتلىك ھەق بويىچە ھېسابلىناتتى، ئاساسەن جىسمانىي ئەمگەك ئىدى. تاكى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانغا قەدەر مەن زېھىن ۋە بەدەن قۇۋۋىتىمنى مۇشۇنداق ئوقۇش ۋە ئىشلەشتىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈپ كەلگەنىدىم.
     ياپونىيەدە تۇرغىنىمغا تۆت يىل بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن ئەتىگەن سەھەر 5:00 دە ماشىنىلىق ئىشقا كېتىۋېتىپ، قىزىل چىراغتىن سائىتىگە 80 كىلومىتېرلىق سۈرئەت بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. دەل مۇشۇ چاغدا يان تەرەپتىن چوڭ بىر يۈك ماشىنىسى كېلىپ قالغان بولۇپ، مەن شۇ سۈرئەت بويىچە ئۇدۇل بېرىپ، يۈك ماشىنىسىنىڭ ماي باكىغا ئۈسۈپتىمەن. ھوشۇمغا كەلسەم ئەتراپىم ساقچى ماشىنىلىرى بىلەن تولۇپتۇ، ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆزۈمگە قارىسام ساپساق، ئەمما ماشىنام ۋەيرانچىلىق. مەن ئادەتتە ماشىنىنى ناھايىتى ئەستايىدىل ۋە ئېھتىيات بىلەن ھەيدەيتتىم، كىچىكىمدىن دادامغا ئوخشاش ماتورلۇق نەرسىلەرگە قىزىقاتتىم، ئۆيىمىزدە ماشىنا، موتسىكلىت قاتارلىقلار بار ئىدى. قانداق قىلىپ بۇنداق خاتالىق سادىر بولىدۇ؟ شۇ چاغدا ئۆزۈمگە دىققەت قىلىپ قالدىم. تۆت يىللىق ئوقۇش ۋە جىسمانىي ئەمگەك قىلىش نەتىجىسىدە مەندە ئېغىر دەرىجىدە چارچاش بولغان چېغى... مەن ئەمدى بەدەن كۈچۈمنى ئىشلىتىپ ئەمەس، كاللا ئىشلىتىپ پۇل تېپىشىم كېرەك ئىكەن، دېگەن قارارغا كەلدىم. مۇشۇ ئىش ھاياتىمدىكى يەنە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
ئاپتوموبىلغا بولغان قىزىقىش–ھەۋىسىم بىلەن مەن ياپونىيەگە كېلىپلا ماشىنا ئېلىپ ھەيدىگەنىدىم. ئەمدى ماشىنا سودىسى، سودا مۇھىتى، بازار، خېرىدار، تىجارەت ئۇسلۇبى قاتارلىقلار جەھەتلەردە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى ئاساسەن توردا بولاتتى. مەن بىر ماشىنامنى سېتىپ، ئۇنى ئىككى قىلىپ، ئاز–ئازدىن تەجرىبە ۋە مەبلەغ توپلاش يولىغا كىرىشتىم. بارا–بارا قولۇمدىكى ماشىنىلار كۆپىيىشكە باشلىدى، ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىنى كۆپەيتىپ باردىم. كۆلەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قول ئاستىمدىكىلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. خىزمەتچىلىرىم ئاساسلىقى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار بولۇپ، ئارىسىدا ئىككى ياپونىيەلىكمۇ بار. ئامال بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلەتسەم دەيمەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملاپ ئۆز ئورنىنى تاپقۇچە ياردەم قىلىش نىيىتىم بار. يۇرتتىن تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ بىلىم ئېلىپ ياراملىق ئادەم بولۇشىغىمۇ كۈچەۋاتىمەن. ھازىرغىچە تۆت يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتۇق، تىجارىتىم ياپونىيىنىڭ ئاساسلىق ئاپتوموبىل سودىسى تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار. سېتىلىدىغان ئاپتوموبىللار 250 گە يېقىنلايدۇ، يېقىندا يېڭى زىنلاندىيەدە تارماق شىركەتنىمۇ ئاچتۇق...»
     ئىرادىلىك ياش ئابلەتجان ھەبىبۇللانىڭ شىركەت سودىسى نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ ياپونىيەنىڭ پۈتۈن چوڭ-كىچىك تور بەتلىرىنى قاپلىغان ھەمدە چەت ئەلنىڭ تور بەتلىرىدە سېتىلىدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. شىركەت قۇرۇلۇپ 4 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ماشىنىلارنىڭ سانى 250 تىن ئېشىپ، شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 9 نەپەرگە يەتكەن. تىجارەت تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ بۇ يىل (2016–يىل) 1-ئايدىن باشلاپ «كىروران مۇسۇلمانچە تائاملار رېستۇرانى»نى قۇرۇپ رەسمىي تىجارەت باشلاپ، ئۆز ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئاشخانىلاردا خاتىرجەم تاماق يېيەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئابلەتجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانى بولسا، شىركەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى خىللاشتۇرۇپ، ماشىنا رېمونتچىلىق كارخانىسى، ماشىنا سىرلاش كارخانىسى قۇرۇش ئىستىكىدە مۇۋاپىق ئورۇن ئىزدەش ئىكەن.
بىز ئابلەتجاننىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتى بىلەن مەدەنىيەت، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىن پەرقلىنىدىغان مۇھىتتا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە، ئۆزى يالغۇز ئىش باشلاپ، بۇ قەدەر چوڭ شىركەت ۋە تىجارەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كېتىدىغان جاسارەت ۋە جۈرئىتىگە، قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىغا، ئېرىشكەن شان-شەرەپ، نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە. كارۋان تورىمىز نامىدىن ئابلەتجان ھەبىبۇللانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنىڭ بالدۇراق ئەمەلگە ئېشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315