مۇبارەك ساپاخان

تەھرىر: Faruh   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2016-03-15 13:38


 
ئىسىم -فامىلىسى: مۇبارەك ساپاخان
 
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1966-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
 
تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى
 
1983-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن.
 
1989-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا مەسئۇل ۋىراچ دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن.
 
2001-يىلىدىن باشلاپ خوتەن شەھەرلىك دوختۇرخانىدا پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەن، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ «ئېلېكتىرو كاردىئوگراممىدىكى قىيىن مەسىلىلەر» دېگەن كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان، شۇنداقلا كۆپ قېتىم دوختۇرخانا بويىچە «ئىلغار خزمەتچى» بولۇپ باھالانغان.
 
2003-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى سۇلتان زاۋۇتىنىڭ باش لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
 
2005-يىلى ئۈرۈمچى سۇلتان ئىنچىكە تۇرمۇش بۇيۇملىرى شىركىتىنى قۇرغان، مىللى سودا خاراكتېرىنى ئالغان كارخانىدىن يەرلىك ئوقەتچىلىك خاراكتېرىدىكى كارخانا بولۇپ قۇرۇلغان، « چىننۇرى» ناملىق مۇسۇلمانچە خەلقئارالىق ماركا يارىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى بىر يۈرۈش « يېشىل، ساغلام» مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگەن.
 
2008-يىلى «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك شەخس» بولۇپ باھالانغان.
 
2008-يىلى جۇڭخۇا ئاياللا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مۇنەۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئايال»، «ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى» بولۇپ باھالانغان.
 
2008-يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 17-نۆۋەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىغىنىغا قاتناشقان.
 
2009-يىلى جۇڭخۇا ئىقتىساد مەدەنىيەت تەرەققىيات جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مىللى مەدەنىيەت كومىتېتى، دۇنيا خۇاشا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك كارخانىچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
 
2012-يىلى جۇڭگو ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال كارخانىچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
 
2013-يىلى «شىنجاڭ يۇيۇش، گىرىم بۇيۇملىرى جەمئىيىتى» نىڭ جەمئىيەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان.
 
مەملىكەت بويىچە تۆھپە قوشقان ئايال كارخانىچى، ئىلغار ئايال كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭدىكى ئايال كارخانىچىلار يىغىنىغا قاتناشقان.
 
مەملىكەتلىك ئايال كارخانىچىلار بولۇپ ، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا ئايال كارخانىچىلار  يىغىنى» غا قاتناشقان.
 
ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە ئاپەت رايونلىرىغا ئىئانە قىلىشتا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ، زاۋۇت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 600000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلغان.
 
 2003-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى سۇلتان زاۋۇتىنىڭ باش لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315