مۇتىللا ئابلا

تەھرىر: Faruh   مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئەت تور   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-26 11:04


 
     شىنجاڭ لىللا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى- مۇتىللا ئابلا

 
ئىسىم-فامىلىسى: مۇتىللا ئابلا
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1965-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
يۇرتى: ئاتۇش
ۋەزىپىسى: لىدىر
 
    شىنجاڭ لىللا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى- مۇتىللا ئابلا 1988-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ كۆمۈر سانائەت ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزۈپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تېخنىك-ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
 
    1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان.
 
    2002-يىلى دۆلەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە ئىگىلىك تىكلەش كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا تەربىيەلەنگەن ۋە ئىگىلىك تىكلەش، كارخانا قۇرۇش، كارخانا ئۆزگەرتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرى قاتارلىق كەسىپلەردە لايەقەتلىك ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، كېيىن غەربىي نۇر گۇرۇھىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر كارخانىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئىشلىگەن.
 
    تاسادىپىي پۇرسەتتە نونى شەربىتىنىڭ شىپالىق رولىنى، ئۈنۈمىنى بىلگەن ۋە نونى شەربىتى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچقان.
 
    يازغۇچى مۇختار بۇغرا بىلەن بولغان سۆھبەتتە، مۇختار بۇغرا شىركەت قۇرۇپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش تەكلىپى بەرگەن، 2009-يىلى لىللا شىركىتىنى قۇرغان، شىركەت قۇرۇلغان تۆت يىل جەريانىدا شىركەت نامى بىلەن ئون ئىككى قېتىم چوڭ تىپتىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى  ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە جەمئىي يەتتە يۈز ئەللىك مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315