ئەلەمشاھ مۇھەممەد

تەھرىر: Faruh   مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئەت تور   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-26 11:08

 
     شىنجاڭ تەقۋا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەلەمشاھ مۇھەممەد 1973-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1981-يىلىدىن 1988-يىللىرىغىچە كونا شەھەر ناھىيەسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بىرگە يۇرتتىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشلەردە ئۆزلىكىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھېرىسمەن بولغانلىقتىن 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە يۇرتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى دادىسى مۇھەممەد ئەلەمشاھنىڭ تىجارىتىگە ياردەملىشىپ بەرگەچ، ئۆزلۈكىدىن چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەن.
 
     1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە قەشقەر شەھەرلىك تىل-تېخنىكوم مەكتىپىدە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان.
 
     1996-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە مىسىر قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ،  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەن. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يېمەك- ئىچمەك دۇكىنىنى ئاكا ئىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاللا بازىرىغا ئۆزگەرتىپ ئاچقان.
 
    ئۇ 2006-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ تىجارىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئاكا-ئىنىلىرى بىلەن چۇڭقۇر ئىزدىنىش ئارقىلىق، دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىنجاڭ تەقۋا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتلىرىدىن پىنتوزا زاۋۇتى، دورا-دەرمەك زاۋۇتى، ئاچچىقسۇ زاۋۇتى، تەم خۇرۇچ زاۋۇتى، خېمىر تۇرۇچ زاۋۇتى قاتارلىقلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، دىيارىمىزدا ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرىغا تونۇشلۇق بولغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك «تەقۋا مەھسۇلاتلىرى» نى بازارغا سېلىپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشپ كەلمەكت.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315