ئامىنە ئابلىمىت

تەھرىر: Faruh   مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئەت تور   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-26 11:12

 
      ئامىنە ئابلىمىت  1983- يىلى 7- ئايدا شىخەنزە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە شۇ يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ زىرائەت تەتقىقات مەركىزىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ئىزچىل ھالدا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بايلىق مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىپ، پايدىلىنىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە زىرائەتلەر (مەسىلەن بۇغداي، سۇلۇ، نوقۇت، خىنە، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىقلار) تەتقىقاتى تۈرلىرىگە قاتناشقان ھەمدە يېتەكچى بولغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، نوقۇت ھەققىدىكى تەتقىقات بولۇپ، ئۇ نوقۇتنىڭ ئىستېمال قىممىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ بىر قەدەمنى باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىجاد قىلغان نوقۇت تالقىنى، نوقۇت قىيامى ۋە نوقۇت دەملىمىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلار، 1999- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك خەلقئارا يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نوقۇت ھەققىدىكى نۇرغۇن بايقاشلىرىغا پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئامىنە ئابلىمىت نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 26 پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلدى . ئۇ دۆلەت ۋە شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن شان-شەرەپكە نائىل بولدى.
 
      ئامىنە ئابلىمىت ھازىر شىنجاڭ ئامىنە بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشماقتا.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315