ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ

تەھرىر: Faruh   مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئەت تور   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-26 11:17


 
     تېخى ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ «ﺋﯩﺨﻼﺱ» ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ھېچكىم ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯜﭘﻪﺕ- تېخنىكا ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭىپىدىن «ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ2000: 9001 ISO ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ» ﺩېگەﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ، ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮى دﯙﻟﻪﺕ ﺳﯜﭘﻪﺕ-تېخنىكا ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ يېمەﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭلىكىنى ﻛﻮﻧﺘىروﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪمئىيىتى ﺗﻪﺭىپىدﯨﻦ «بىخەتەر مەھسۇلات» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ ئېرﯨﺸﯩﭗ، ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ QS ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ئېرﯨﺸﺘﻰ. ﺋﯩﺨﻼﺱ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎپتونوﻡ ﺭﺍيوﻧﻠﯘﻕ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪمئىيىتى ﺗﻪﺭىپىدىن «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻰ» ﺩﻩﭖ بېكىتىلدى. ﺋﯩﺨﻼﺱ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎپتونوﻡ ﺭﺍيوﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
 
    «ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻧﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﯘ، ﻣﻪﻥ نېمە ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘغقاﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ؟»، 1999- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ھېيتنىڭ 1- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭكىيەنىڭ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ روزى ھاجىنىڭ ﻛﯚﯕﻠﻰ يېرﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
 
    «ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﺴﻪﻡ، ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ، ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھېيتنى ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺳﻪﻡ. . . ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯘﻣﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﺭپ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ قېرﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻡ، ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯓ بېيىتساﻡ . . .»، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﻗﺎﻧﺎﺗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﯞﻩتىنىگە، ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭتىغا ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ كېلىشنى ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. . .
    «ھﻪقىقىي ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍق يېرىدە ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ، ﻣﻪﻥ ﺗﯜﺭكىيەدﻩ 10 ﻳﯩﻞ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺋﺎمېرﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎﻣﻤﯘ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺘﺘﯩﻢ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ»-ﺩﯦﺪﻯ ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ. 
 
     ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺋﯩﺨﻼﺱ» ﻛﻪسپىي ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺩﯨﺮېكتوﺭﻯ ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪتتىنچىسى، ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚتىنچىسى ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻗﯘﺩرﻩﺕ ھﺎﺟﯩﺪﻩﻙ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﻪﻡ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ يېتىشكەﻧﯩﺪى.
«ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩمەن»
 
      ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ:-«ﺳﻪﻥ ﺗﯜﺭكىيەدﻩ 10 - 11  ﻳﯩﻞ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﭖ، «ﺋﺎﺗﯘﺵ قېرﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ» ﺋﯩﻤﭙﻮﺭت-ئېكسپوﺭت ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯖﻐﯘ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ، ﺗﻮﻧﯘﺵ-ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺴﻪﻥ؟»- ﺩېدى.
 
     -ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، ﻣﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ- ﺩېدى ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، - ﺗﯜﺭكىيەدﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﭺ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚڭلۈمگە ﭘﯜﻛﻜﻪن ئىدىم. ﺑﯩﺮﻯ مېنىرﺍﻝ ﺳﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﻪﻥ، ئىككىنچىسى، ﺳﯜﺕ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺋﯜچىنچىسى، ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﺎﭼﯩﻤﻪﻥ. ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺳﯜﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن تېخى يېڭىلىق، ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
 
       ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﺳﯘ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﺨﻮﻏﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ، «ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺳﯘ» ﺩېگەﻥ ﻧﺎﻣﺪﺍ مېنىرﺍﻝ ﺳﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺳﯜﺕ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﭼﺘﻰ.
 
      ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﺍﻥ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ سودا سارىيىنىڭ 1- ﻗﻪﯞىتىدﻩ 2000-ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ» ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺭەسمىي ئېچىلدﻯ.
 
      ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ئېچىش ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ «ئېتى ﺋﯘﻟﯘﻍ، ﺳﯘﭘﯘﺭﯨﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ» ﺑﻮﻟﺴﺎ تەرەققىي ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھېس ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ «ﺋﯜﻟﻜﻪﺭ» يېمەﻛﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﮔﻮﺭﯗھىنىڭ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ، ﺋﯜﻟﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ سېتىش ﺑﺎﺵ ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ، ھﻪﺗﺘﺎ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﺎھﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ «ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ» ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ئېچىپ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ.
‹‹ﺋﯩﺨﻼﺱ›› ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﭼﺘﻰ .
 
      ﺳﻮﺩﺍ جېڭىدە ﭘﯩﺸﯩﭗ يېتىلگەن ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ «ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ» ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ئېچىپ ئىككىنچى ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ سېتىپ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪھﺴﯘﻻتىنى ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ھېس ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺋﯩﺨﻼﺱ» ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ، ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﻤﯘ «ﺋﯩﺨﻼس»قا ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ. ھﺎﺯﯨﺮ «ﺋﯩﺨﻼﺱ» ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘۋﯞﻩﺕ ﺗﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻛﻪﻣﭙﯜﺗﻠﻪﺭ، شاﻛﯩﻼﺕ، فرىمالارنىڭ ﺗﯜﺭﻯ  200ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. «ﺋﯩﺨﻼﺱ» ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ قېتىم ﺷﺎﻛﯩﻼﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ، «ﺋﺎﻻﻱ» ﺷﺎﻛﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ئېسىل ﺷﺎﻛﯩﻼﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ھېسابلىنىدۇ. ھﺎﺯﯨﺮ «ﺋﯩﺨﻼﺱ» ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ يېرىنى ﻗﺎﭘﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻼﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. 
ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

 
ﺑﯩﺰ ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﯩﺪﯨﻦ:
      - ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ؟- ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ: 
      - ﺋﻪمەلىيەتتىن ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ،- ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻠﯩﺪﻯ.
 
      ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ 1985-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ قېتىم ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮىگە ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﭘﻮﻳﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻮﻳﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻰ كېرەك ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ئېغىز ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﻟﻪﻧﺠﯘ ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﯩﺪﺍ ﭘﻮﻳﯩﺰ بېلىتىنى ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎي، ئۈچ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﭖ ﻳﯜﺭﺩﻯ، ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ قېلىپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ كېلىۋاﻟﺪﻯ. ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ 1989-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﺴﻼﻣﺌﺎﺑﺎﺩ ﺋﺎﻳﺮوﺩۇرۇﻣﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ھېچكىم ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﺑﯘ قېتىممۇ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ. «ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ!» ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ كېيىن ﺑﻮﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﺗﯩﻞ ئۆگەندى. ﺗﯜﺭكىيەدﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ، ئېنگىلىز ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﻮﺭﺩۇ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋۆﮔﻪﻧﺪﻯ.
 
     ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ،- ﺩﯦﺪﻯ ﺭﻭﺯﻯ ھﺎﺟﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ، -ﻣﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭكىيەدﻩ ﺋﯘﺯﺍﻗﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ئېنگىلىز ﺗﯩﻠﯩﻐﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ، ﺋﻮﺭﺩۇ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺭۇﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎسىي ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - كېيىن ﺑﻮﻟﯘﭖ 30 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ، ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎمېرﯨﻜﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ-ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315