راھىلە تۇرسۇن

تەھرىر: Faruh   مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئەت تور   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-26 11:21


 
ئىسىم–فامىلىسى: راھىلە تۈرسۇن
 
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1978-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
 
خىزمەت ئورنى: رومانتىك خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى
 
يۇرتى: ئۈرۈمچى
 
تۇغۇلغان جاي: ئۈرۈمچى
 
مۆچىلى: ئات يىلى
 
ئوقۇش تارىخى: مەخسۇس كۇرس
 
قىزىقىشى: كىتاب ئوقۇش، ساياھەت قىلىش، تەنتەربىيە
 
ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: كۈز پەسلى
 
ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: ئاق رەڭ، كۆك رەڭ
 
ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى: سەنۇبەر تۇرسۇن، مايكول جېكسون
 
ياخشى كۆرىدىغان ئېتوت چولپىنى: ئابدۇكېرىم ئابلىز، خالمۇرات ئۆمەر
 
ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: پولو
 
ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى: شاكىلات، ئۆرۈك، توڭ مېۋە
 
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئاتا- ئانام
 
بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي: ئىتالىيە، گىرىتسىيە
 
ياخشى كۆرىدىغان ئىش: باشقىلارغا ياردەم قىلىش
 
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: ئانام بىلەن بولغان كۈنلەر
 
 
      شىنجاڭ رومانتىك خەلقئارا ساياھەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى راھىلە تۇرسۇن 1978-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ساياھەت كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەل تىلى ئىنىستىتۇتىدا ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىللىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. ئوقۇش جەريانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دوستلۇق بىرلەشمىسى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە پىراكتىكا قىلغان.
2000-يىلى دۆلەتلىك چوڭ تىپتىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىك گۇۋاھنامىسىنى ئالغان. 2005-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، دۆلەتلىك ساياھەت، خەلقئارالىق ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ شەرقىي ياۋروپا بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان.

 
     2008-يىلى شياڭگاڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى شەرقىي ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دىرېكتورى ۋە 2010-يىلى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى ئوتتۇرا شەرق ساياھەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 2011-يىلى 8-ئايدا، ئۆزى مەبلەغ سېلىپ رومانتىك خەلقئارا ساياھەت شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ھازىر شىنجاڭنىڭ ساياھەت ۋە  ساياھەتكە چىقىش ئارقىلىق، ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315