قۇدرەت ياقۇپ

تەھرىر: Faruh   مەنبەسى:شىنجاڭ سەنئەت تور   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-26 11:31

 
 
       ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، لىدىر، مۇدىرىيەت باشلىقى قۇدرەت ياقۇپ، قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 10 يېشىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن. 2001- يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش ئارزۇسىدا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ، بېيجىڭغا بارىدۇ ۋە شەھەر سىرتىدىكى كەپە ئۆيدە يېتىپ - قوپۇپ ئۆزىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش كۈرىشنى باشلىۋېتىدۇ. بىر ياقتىن ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ، يەنە بىر ياقتىن ئېنگىلىز تىلى دەرسى بېرىپ، كېيىن تەربىيەلەش مەركىزى قۇرىدۇ. ئامېرىكا ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىشتا مەغلۇپ بولۇپ ياۋروپاغا بارىدۇ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ئامېرىكىغا چىقىدۇ، ھەمدە 2005- يىلى كۆرۈنەرلىك ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە يۇقىرى SAT (ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش بىرتۇتاش ئىمتىھانى) نەتىجىسى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى خارۋارد تولۇق كۇرسىغا ئۆتكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالىدۇ. قۇدرەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھەر خىل پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدا ئۈزلۈكسىز پىراكتىكا قىلغان، ھەمدە ئۆز گۇرۇپپىسىنى باشلاپ كىرىمنىي جىلغىسىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بارغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭدا بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى بەرپا قىلىشنى كىيىنكى قەدەملىك نىشانى قىلىپ، 2012- يىلى ئەرقال كاپىتالىنى قۇرىدۇ.
 





  

يانفۇندا كۆرۈش
    315