مۇھەممەتتۇرسۇن تۇرسۇننىياز

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-15 17:09

 

مۇھەممەتتۇرسۇن  تۇرسۇننىياز

 

مۇھەممەتتۇرسۇن تۇرسۇننىياز 1987-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەندە تۇغۇلغان. 1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، تۇساللا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان، 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ھالال باغ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىزنى ئوقۇغان. 2012-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.

 

شەخس تارىخى

 

2003-يىلى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن يان تېلېفون رېمونتچىلىقىنى ئۆگەنگەن. 2004-يىلى، ئۆز ئالدىغا دۇكان ئايرىپ، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە تارماق دۇكاننى 3 كە يەتكۈزگەن. 2007-يىلى تېلىفون توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 2011-يىلىدىن باشلاپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 2012-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى رەسمىي قۇرغان. 2013-يىلى 6-ئايدا، ئىقلىم ماتاڭ زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، «ھالالباغ» ماركىسىدىكى ماتاڭنى بازارغا سالغان. 2014-يىلى 2-ئايدا، خوتەندە شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك  شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتىنى قۇرغان. 

مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلۈكسىز ياردەم بېرىپ كەلگەن ۋە ئوقۇش پۈتتۇرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315