ئابدۇراخمان سادىق

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-26 18:20

 

ئابدۇراخمان سادىق

 

ئابدۇراخمان سادىق 1981-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1998-يىلى خوتەن دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئومۇمىي پەن كەسپىنى، شۇ يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش بويىچە مەخسۇس كۇرس تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 2013-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. ھازىرغىچە شىركەتنىڭ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

 

شەخس تارىخى

 

1998-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ يىلى 12-ئايدىن 2006-يىلى 10-ئايغىچە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مەمۇرىيىتى خادىمى، مائارىپ ئىدارىسى كادىرلار بۆلۈمى ئەزاسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 2007-يىلى 1-ئايدىن 2013-يىلى 9-ئايغىچە، خوتەن شەھىرى تولۇنئاي زىننەت چىراغلىرى دۇكىنىنى شېرىكلىرى بىلەن باشقۇرۇپ، ئەسلى 40 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاندىن ھازىرقى 1000 كىۋادرات مېتىرلىق سېتىش مەيدانىغا تەرەققىي قىلدۇرغان. 2011-يىلى 8-ئايدا، خوتەن شەھىرى تولۇنئاي قوش تىل بالىلار باغچىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئاچقان. 2013-يىلى 9-ئايدا، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان. 2013-يىلى 12-ئايدا، شىركەت نامىدا ئۈرۈمچى نوبېل قوش تىل بالىلار باغچىسىنى قۇرغان.

مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئون يىتىم بالىنى بالىلار باغچىسىدا ھەقسىز تەربىيەلەشنى پىلانغا كىرگۈزگەن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315