شىرزات ئابدۇكېرىم

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-09-09 06:50

 

1989-يىلى، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا-تېلېگراف دوختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان ۋە رېنتگېن، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم كەسىپلىرىدە ئىشلىگەن.

1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى شۆبە دوختۇرخانىسى سۆڭەك بىرىنچى بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرغان.

1997-يىلى 5-ئايدا، پوچتا-تېلېگراف دوختۇرخانىسىغا مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىق بولغان.

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ بىلىگ دوختۇرخانىسىنى قۇرغان.

كانادا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ژورنىلىدا «بەل ئومۇرتقىسى نەيچىسىدە سايىلەندۈرۈش ۋە CT بىلەن MRI  سۈرىتىنىڭ قىممىتى» نامىدىكى ئىلمىي ماقالىسى بېسىلغان.

دۆلەت ئىچى، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى جۇڭخۇا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ژۇرنىلى، شىنجاڭ مېدىتسىناسى، شىنجاڭ ساغلاملىق ژۇرناللىرىدا ئىلمىي ماقالىلىرى بېسىلغان.

2005-يىلى، شىنجاڭدا تۈنجى بولۇپ «ئوزون ئارقىلىق ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ئېرىتىپ چۈشۈرۈش تېخنىكىسى ۋە بوغۇملارنىڭ كاردىن چىقىشىنى ئوزون ئارقىلىق داۋالاش تېخنىكىسى» نى كىرگۈزگەندە تۇنجى بولۇپ شۇنىڭغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

2006-يىلى، شىرزات ئابدۇكېرىمنىڭ  تۆھپىسىدە شىنجاڭ پوچتا-تېلېگراف دوختۇرخانىسى تۇنجى قېتىم بويۇن، بەل ئومۇرتقا ئارىلىقى تەخسىسى پولتىيىپ چىقىشنى ئوزون بىلەن داۋالاش ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

2006-، 2008-يىللىرى، شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ئوزون يىغىنى ئېچىلغاندا، شىنجاڭ بىلىگ دوختۇرخانىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ «جۇڭگودىكى ئوزون ئارقىلىق داۋالاشتىكى مۇنەۋۋەر ئورۇن» دىگەن نامغا ئېرىشكەن.

شىرزات ئابدۇكېرىم نۆۋەتتە «مەملىكەتلىك ئوزون كەسپىي كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. «ئوزوندا داۋالاشنى كلىنىكىدا قوللىنىش» كىتابى تەھرىرىنىڭ بىرى.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315