مەتروزى تۇرسۇننىياز

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-09-09 06:50

 

مەتروزى تۇرسۇننىياز

 

مەتروزى تۇرسۇننىياز 1976-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان. ھازىر شىركەتنىڭ  كۈنپىڭ بىناكارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدېرلىق، قوشۇمچە باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

 

شەخس تارىخى

 

1995-يىلى، شىنجاڭ خوتەن مالىيە مەكتىپىنىڭ  مالىيە بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

1999-يىلدىن 2000-يىلغىچە، شىنجاڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كادىرلار ئىنىستىتۇتىدا ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى تاماملاپ، مەخسۇس كۇرس  دىپلومىنى ئالغان.

1995-يىلى 9-ئايدا، چىرا ناھىيەلىك  قۇرۇلۇش شىركىتىدە كاسسىرلىق قىلغان.

2001-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ خوتەن كۈنپىڭ بىناكارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە بوغالتىر بولۇپ ئىشلىگەن. 

2004-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ خوتەن كۈنپىڭ بىناكارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مالىيە مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن.

2006-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2009-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ خوتەن كۈنپىڭ بىناكارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان.

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە  كۈنپىڭ بىناكارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان.

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك، شىركەت پايچىلار چوڭ يىغىنىدا بارلىق پايچىلار تەرىپىدىن شىركەتنىڭ لېدىرلىق، قوشۇمچە باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىگە، ۋە قانۇنىي ۋەكىللىكلىكىگە سايلانغان.

2012-يىلى 8-ئايدا چىرا ناھىيەسىدىكى ئائىلە ئىقتىسادى تۆۋەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيىسى چىرا ناھىيەلىك كومىتېتى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقدىرلىنىشكە ئېرىشكەن.

2013-يىلى 5-ئايدا خوتەن رايونلۇق مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «خوتەن رايونى ئانا-بالىلارغا كۆيۈنۈش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ئانا-بالىلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ناھىيەدىكى قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 30 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، چىرا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇش راسخوتىنى تۆلىيەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان.

3 يىلدىن بۇيان ناھىيەدىكى 4 نەپەر يېتىم-يىسىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن جەمئىي 48 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان. 

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، چىرا ناھىيەلىك كۈنجىيەن شېغىل زاۋۇتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە 20 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان.

2014-يىلى 2-ئايدا، كېرىيە ناھىيەسى ۋە چىرا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزىلاردىكى يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا 26  مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان.

2014-يىلى 3-ئايدا، چىرا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئۈستەل-ئورۇندۇق ياردەم قىلغان.

2014-يىلى 4-ئايدا، چىرا يېزىسى 14-كەنت 2-مەھەللىدىكى بەش كاپالەت ئائىلىسى بولغان ھەۋزىخانغا 40 مىڭ يۈەن چىقىرىپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بەرگەن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315