ياسىنجان توختى

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-09-09 06:50

 

ياسىنجان توختى

 

ياسىنجان توختى 1970-يىلى خېجىڭ (خوتۇن سومۇل) ناھىيە بارون قارمۇدۇن يېزىسىدا ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2010-يىلى قاراشەھەر ياسىنجان يېمەكلىك چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ،  ھازىر شىركەتنىڭ لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

 

ئىگىلىك تىكلەش تارىخى

 

ياسىنجان توختى كىچىكىدە ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان. يەتتە يېشىدىن باشلاپ ياغاچچىلىقنى ئۆگەنگەن.

 1978- يىلدىن 1981- يىلغىچە، تۆت يىل ياغاچچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1986-يىلى تۇنجى قېتىم قاراشەھەردىن ئۈرۈمچىگە قىزىلمۇچ ئاپارغان.

1989-يىلى ئاقسۇدىن بىر ماشىنا قىزىلمۇچنى بېسىپ ئۈرۈمچىگە يولغا چىققان. بىر ماشىنا قىزىلمۇچ ئۈرۈمچىگە بارمايلا ھەممىسى سېسىپ كەتكەن.

 1995-يىلدىن باشلاپ، قۇرۇق قىزىلمۇچ، پەمىدۇر ئېلىپ سېتىشقا باشلىغان. 2001-يىلى «يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ-سېتىش ئورنى» نى قۇرغان.

2005-يىلى مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق «قايدۇ» ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرغان ۋە «قايدۇ دەرياسى يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ سېتىش ئورنى» نى «قاراشەھەر ياسىنجان يېمەكلىك زاۋۇتى» غا ئۆزگەرتىپ «قايدۇ» ماركىسىدىكى قىزىلمۇچ قىيامى، پەمىدۇر قىيامى، ياسىنجان لەززەت ياغمۇچى، قىيمىلىق تائام تېتىتقۇسى، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، زىرە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ بازارغا سالغان.

2010-يىلى قاراشەھەر ياسىنجان يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرغان.

 

نەتىجىلىرى ۋە ساخاۋەت ئىشلىرى

 

بەش يىللىق يېمەكلىك تەتقىقات ئەمەلىي تەجرىبىسى تەسىرىدە ئىشچى-خىزمەتچىسى 200 دىن ئاشقان، زاۋۇت كۆلىمى 24 مىڭ 664 كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىش سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان «قايدۇ» ماركىسىدىكى بىخەتەر 60 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتلارنى ھاۋالە قىلماستىن، ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسىغا ئايلاندۇرغان يېشىل يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتىگە ئايلانغان. زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى نۇرغۇنلىغان ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە دېھقانلارنىڭ تېرىغان مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى باھادا سېتىپ چىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئوخوچى يېزا تەۋەسىدىن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن بۇلۇپ 25 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالتە يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلىگەن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315