شىرئەلى ئېزىز

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-09-09 06:50

 

شىرئەلى ئېزىز

 

شىرئەلى ئېزىز 1974-يىلى 11-ئايدا خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان بولۇپ، 1992-يىلى 7-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا تېخنىكومىدا ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان. 1999-يىلى تاغىسى تۇرغۇنجان مەسۇم بىلەن بىرلىشىپ خوتەن ئۇدۇن سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرغان. ھازىر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

 

ئوقۇش تارىخى

 

1980-يىلدىن 1986- يىلغىچە، قاراقاش 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان.

1986-يىلدىن 1989-يىلغىچە، قاراقاش 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.

1989-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى7-ئايغىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا تېخنىكومىدا ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان.

2000-يىلىدىن 2002-يىلغىچە، شىنجاڭ كەسپى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخبارات كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان.

2004-يىلى، نېفىت خېمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە 6 ئاي بىلىم ئاشۇرغان.

 

ئىگىلىك تىكلەش تارىخى

 

1992-يىلدىن 1994-يىلغىچە، قاراقاش ناھىيەسى مائارىپ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان، 1994-يىلىدىن باشلاپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قاراقاش، خوتەن شەھىرىدە ئۇششاق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. خوتەن شەھىرىدە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ئورنى ۋە خەيئېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچقان.

1999-يىلى، تاغىسى تۇرغۇنجان مەسۇم بىلەن بىرلىشىپ خوتەن ئۇدۇن سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرغان. 

 

ساخاۋەت ئىشلىرى

 

پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بىرىپ كەلگەن، ھەمدە بىر قىسىم ئوقۇشسىز قالغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللەتكەن. كېرىيە ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم قولىنى سۇنغان. چېگرا رايونىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن ھال سورىغان. ھەرخىل تۈردىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرغان.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315