تېپىشماق - نېرۋىنى بىلەيدۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-03 12:34
ئويلىماپتىمەن، ئىككى يىل بۇرۇن باشقا بىر مۇنبەرگە يوللىغان تېپىشماقلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. سىلەرگىمۇ كۆرۈشتۈرەي دەپ بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىم. مۇنبەردە پۇلنى راسا تېپىپتىمەن، ئەمدى خەجلەيدىغان يەرگە كەلگەندەك تۇرىدۇ، بىر تېپىشماقنىڭ جاۋابى جاۋاپ 100 تىللا.


(1)

    تۈلكە يولدا كىتىۋىتىپ، ئېيىققا ئۇچراپ قاپتۇ. 
    ئېيىقنىڭ قولىدا 4 باش سەۋزە بار ئىكەن، مۇغەمبەر تۈلكە ئېيىققا قاراپ:
-ئاداش، مەندىمۇ 2 باش زەۋزە بار،  ھەممىنى قوشۇپ  شورپا قىلىپ ئىچمەيلىمۇ؟-دەپتۇ. 
    ئېيىق ماقۇل بوپتۇ. ئۇلار شورپىنى تەييار قىلىپ ئەمدى ئىچەيلى دەپ تۇرشىغا بىر قاقىر ئۇچۇپ كەپتۇ-دە، ئۇلارغا مۇراجەت قىلىپ: 
-شورپاڭلارنى مەنمۇ بىللە ئىچەي، 6 دانە بېلىغىم بار، ئۇنى سىلەرگە بەرسەم قانداق؟-دەپتۇ. 
    ئۇلار ماقۇل بولۇپ، شورپىنى تەپمۇ تەڭ ئۈچ قاچىغا بۆلۈپتۇ-دە، ھەر قايسىسى بىردىن ئىچىپتۇ. 
    تۈلكە بىلەن ئېيىق ئۇلارنى بۆلىشىۋالماقچى بوپتۇ. 
-مېنىڭ سەۋزەم 4 باش، سېنىڭ سەۋزەڭ 2 باش بولغاندىكىن، بېلىقنىمۇ شۇنداق بۆلىشەيلى.  سەن 2 دانە ئالغىن، مەن 4 دانىنى ئالاي،-دەپتۇ ئېيىق. 
    بۇ گەپ تۈلكىگە راسا خوش يېقىپتۇ-دە، شۇنداق بۆلشۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈلكە پۈتۈن ئورمانلىق ئىچىنى ئايلىنىپ، ئۇچرىغانلىكى ھايۋانغا «مەن ئېيىقنى ئالدىدىم» دەپ ماختىنىپتۇ. سىز ئويلاپ بېقىڭ، تۈلكە نېمە ئۈچۇن ئېيىقنى ئالدىدىم دەيدۇ؟ ئۇلار بېلىقنى قانداق بۆلۈشسە توغرا بولاتتى؟
     

(2)

    بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەمنىڭ 3 ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئادەم تۆگىچىلىك قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن.  ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، بۇ ئادەم قېرىپتۇ، بالىلىرىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۆيلۈك_ئوچاغلىق بوپتۇ.  بۇۋاينىڭ 17 تۆگىسى بار ئىكەن، ئۇ بىر كۈنى ئالجىپ، بالىلىرىغا مۇنداق ۋەسىيەت قىپتۇ:
    -تۆگىلەرنىڭ يېرىمىنى چوڭ ئوغلۇم،  ئۈچتىن بىرىنى ئوتتۇرانجى ئوغلۇم،  توققۇزدىن بىرىنى كىچىك ئوغلۇم ئالسۇن،  بىرمۇ تۆگىنى ئولتۈرمەڭلار.   
    بۇۋاي دۇنيادىن ئۆتكەندىن كىيىن، 3 ئوغلى تۆگىلەرنى بوۋاينىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بۆلۈشىشكە كىرىشىپتۇ.  بىراق، تۆگىلەرنى ئۆلتۈرمەي بۆلۈشىشنىڭ ئامالىنى تاپالماپتۇ.  شۇ ئارىدا تۆگە مىنىپ كىتىپ بارغان بىر دانىشمەن بۇ يەرگە كەپ قاپتۇ.  دانىشمەن 17 تۆگىنى 3 بالىغا دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئولتۈرمەي ھەم جىدەلسىز بۆلۈپ بېرىپتۇ-دە، ئۆز تۆگىسىنى مىنىپ يولىغا راۋان بوپتۇ.  دانىشمەن تۆگىلەرنى قانداق بۆلگەن؟


(3)

    بۇرۇن بىر خوتۇن بار ئىكەن، ئۆزى گەپچىكەن،  ھۈنىرى رەمچىكەن.  ئۇنىڭ قولىدىن تۆت ياشلىق بىر ئوغۇل چۈشمەيدىكەن.  كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ خوتۇن جامائەتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا،  بىرسى ئۇ ئايالدىن سوراپ قاپتۇ:
    _ئاچا، بۇ بالا نېمىڭىز؟ 
    خوتۇن توپلانغان كىشىلەرگە قاراپ:
    _ئېرىمنىڭ ئىنىسى، قىزىمنىڭ بالىسى، مىنىڭ نەۋرەم بولىدۇ. _دەپتۇ.
      بۇنى ئاڭلىغان جامائەت ئويغا چۆكۈپتۇ، ئويلاپ تاپالماپتۇ.  كېچىسى ياتالماپتۇ، ئەتىسى قوپالماپتۇ.  
      بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى كىم يېشىپ بېرەلەيدۇ؟


(4)

    بىر دېھقان يولدا كېتىۋېتىپ ئازراق پۇل تېپىۋاپتۇ.  بۇنى بىر شەيتان بىلىپ قېلىپ، ئۇ دېھقانغا بىر كۆۋرۈكنى كۆرسىتىپ : 
    -سەن مۇشۇ كۆۋرۈكتىن ھەر قېتىم ئۆتكىنىڭدە، يېنىڭدىكى پۇلۇڭ بىر ھەسسە كۆپىيىدۇ.  بۇنىڭ بەدىلىگە  ھەر قېتىم كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولۇپ ماڭا 24 تەڭگە بېرىپ تۇرىسەن-دەپتۇ.  دېھقان ماقۇل بوپتۇ. 
    دىھقان كۆۋرۈكتىن ئۆتكەن ئىكەن، يېنىدىكى پۇلى بىر ھەسسە كۆپىيىپتۇ.  ئۇ  شەرت بويىچە شەيتانغا 24 تەڭگە بېرىپتۇ.  كۆۋرۈكتىن 2- كېتىم ئۆتكەندە، يېنىدىكى پۇلى يەنە بىر ھەسسە كۆپىيىپتۇ.  ئۇ  يەنە شەيتانغا 24 تەڭگە بېرىپتۇ.  دېھقان  كۆۋرۈكتىن 3- قېتىم ئۆتۈپ بولۇپ يېنىدىكى پۇلنى سانىغان ئىكەن، بايىقىدىن بىر ھەسسە كۆپىيىپتۇ.  ئەمما، بارى-يوقى 24 تەڭگىلا قاپتۇ.  دىھقان شەرت بۇيىچە ئۇنىمۇ شەيتانغا بېرىۋىتىپ، ساقىلىنى سىلىغان پېتى «ئەستەغفىرۇللا» نى ئوقۇپ  ئۆيىگە يول ئاپتۇ. 
      تېپىپ بېقىڭلا، دېھقان يولدىن زادى قانچە تەڭگە تېپىۋالغان؟
             

(5)

    ئىككى ئادەم بازاردىن 12 كىلوگراملىق قاپاققا 10 كىلو ياغنى ئېلىپ، مەھەللىگە كەلگەندە، ئۇلاردىن  بىرسى دەپتۇ:
    -بۇرادەر، ئەمدى مەن ئۆيۈمگە كىرىپ كېتىمەن.  مېنىڭ 5 كىلو يېغىمنى تارتىپ قاپىقىمغا قۇيۇپ بەرگىن. 
     ئۇلارنىڭ ئىككى بوش قاپىقى بولۇپ، بىرىگە 7 كىلو، يەنە بىرىگە 3 كىلو ياغ سىغىدىكەن. بۇ ئۈچ قاپاقنىڭ ئارىسىدا ياغنى جىڭلىماستىن، قانداق تەخسىم قىلىش كىرەك؟


(6)

     بىر كىشى 100 يۈەنگە 100 قۇش سېتىۋاپتۇ. 
    غازنى 5 يۇەندىن،   پاختەكنى 3 يۈەندىن، قۇشقاچنىڭ 20 سىنى بىر يۈەندىن سېتىۋاپتۇ. 
    سېتىۋالغىنى قانچە غاز،  قانچە پاختەك،  قانچە قۇشقاچ؟


(7)

    كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۆيدە كۈزەتچى بار،  ئادەم ئۆتكۈزمەيدۇ.  بۇ كۆۋرۈكتىن 15 مىنۇتتا ئۆتۈپ بولغىلى بولىدۇ.  كۇزەتچى ھەر 10 مىنۇتتا ئۆيدىن چىقىپ قاراپ قۇيۇپ كىرىپ كىتىدۇ.  بىر ئادەم بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كەتتى.  ئۇ قانداق ئۆتتى؟  


(8)

    قىزلارغا تولىمۇ ھىسداشلىق قىلىدىغان بىر ئادەم،  بازاردىكى 100 ئايال ساھىلغا  100 يۈئەن سەدىقە قىپتۇ.  مۇمايلارغا 0.5  سومدىن،   جۇۋانلارغا 2.5 سومدىن،   قىزلارغا 5 سومدىن تارقىتىپتۇ.   
بۇلارنىڭ قانچىسى مۇماي،  قانچىسى جۇۋان،  قانچىسى قىز؟ 


(9)

    بىر بالا باغقا كىرىپ ئالما يەپتۇ-دە،  سىۋىتىگە بىرقانچە ئالما سېلىپ باغدىن چىقىپتۇ.  باغنىڭ چىقىش ئىشىكى 10 بولۇپ، 1-ئىشىكتىكى كۈزەتچى سىۋەتتىكى ئالمىنىڭ يېرىمىنى ئېلىۋېلپ،  بىرنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.  قالغان ئىشىكتىكىلەرمۇ شۇنداق قىپتۇ.  10- ئىشىكتىكى ئادەملەر ئاچكۆز ئىكەن،  ئالمىنىڭ يېرىمىنى ئېلىۋېلىپ،  بىرنى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ.  بالا باغدىن سىۋەتتىكى ئالمىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.  سىۋەتتىكى ئالما قانچىلىك ئىدى؟  


(10)

    بىر يىگىت ھەر كۈنى گۈلزارلىق ئالدىدا نەي چالىدىكەن.  ئۇنىڭ چالغان نېيى ھەر تەرەپكە مەشھۇر ئىكەن.  بىر كۈنى يىگىت نەي چېلىۋاتسا،  گۈللەرنىڭ ئىچىدىن بىر قىزىل ئەتىر گۈل يىگىتنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ كېلىپ،  بىر دومىلاپلا  قىزغا  ئايلىنىپتۇ.  ئۇلار كېچىچە نەي چېلىپ،  سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.  تاڭ سەھەردە  قىز يىگىتكە: 
    ــ سېنىڭ چالغان نېيىڭ مېنى مەپتۇن قىلدى.  شۇڭا مەن سېنىڭ يېنىڭغا كەلدىم.  ئەمدى مەن يەنە گۈلگە ئايلىنىمەن،  سەن مېنى تاپالىساڭ،  سېنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك يايرىڭ بولىمەن،  ـــ دەپتۇ-دە،  گۈلگە ئايلىنىپتۇ.  گۈلزارلىقتا باشقا قىزىل ئەتىر گۈللەرمۇ كۆپ ئىكەن.  يىگىت گۈلزارلىقتىن ھېلىقى قىزىل ئەتىر گۈلنى ئوڭايلا تېپىۋېلىپ،  مۇرات-مەقسىدىگە يېتپتۇ.   
        يىگىت قىزنى قانداق تېپىۋالدى؟ 


                       مەنبە: ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن ئاڭلىغانلىرىم 
            

يانفۇندا كۆرۈش
    315