تۇرسۇن شەيىخ : ئەپەندىمنىڭ ئېشىگى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-23 16:55
ئەپەندىمنىڭ ئېشىگى
تۇرسۇن شەيىخ
 

ئەييۇھەنناس!
ئىشتىڭلار ئامۇ-خاس!
ئۈستۈمدىكى يۈك...
ئەخلاق سانائىتىدە ۋەيران بولغان كارخانچى تۇقىغان پالاس
ئۇ شۇنداق ھاڭرايدۇ
بازار باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭدىن باج ئالمايدۇ
تۆت تال ساماننىمۇ ئىگىسىگە قىسىنىپ
داخ يەردە ئېغىنايدىغان ئۇ،
ئەپەندىمنىڭ ئىشىگى.
ئەپەندىم شور دەريانى كەچمىگەن
مىلادىدىن بۇرۇنقى سەمەرقەنت كۆۋرىكىگە سېپىۋالغان پۇتىنى
بىز داۋالاپ ساقايتتۇق
ھەمدە ھازىرنىڭ ئاپپاق كەچمىشىگە ئوراپ قويدۇق.
ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس!
بىراق كونىلار ئىشەكنى ئەمەس ئەپەندىمنىڭ قۇلىقىنى كىسىۋالدى
بىز نىمىمۇ قىلالايمىز؟
قات-قات ئورالغان سەللىلەر ئالمىشىپ
ئۇزۇن-ئۇزۇن قۇلاقلارغا مەھكەم جايلىشىپ
سانسىزلىغان ئەپەندىملەرنى كىلونلىماقتا
ئەپەندىمنىڭ ئىشىگى ھالسىرىماڭتا
بىز ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىمەكچى بولدۇق
قەلبىمىزگە..
مىنىڭ ئۇ يەردىن قايتىپ كەتكۈم يوق
پەقەتلا جاھىللىقىم مەجۇتلىقىمنىڭ مەڭگۈلۈك كاپالىتى
ئەپەندىمنىڭ ئىشىگى بۇنى بىلەمدىغاندۇ!؟
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315