مۇنبەرداشلار تېپىشماق تېپىڭلار.

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 13:18

مەلۈم شىركەت مال ساتقۇچى قۇبۇل قىلماقچى بولۇپ ئېلان بېرىپتۇ. ئېلاندا ۋەدە قىلغان مائاش ۋە باشقا تەمىناتلار خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا ، نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنى مەلۈم قىلىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت بۇلارغا سىناق ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى بىر داڭلىق بۇتخانىغا تارغاق سېتىپ كېلىش كېرەكلىكىنى، مۇشۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىسا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھاڭ- تاڭ قېلىشىپ، غۇلغۇلا باشلىنىپتۇ، بەزىلەر بىمەنىلىك دېسە، بەزىلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ، بىر-بىرلەپ تارقاپ كېتىپ ئاخىرىدا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى خالايدىغان پەقەتلا ئىككى ئادەم قاپتۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇتخانىغا تارغاق سېتىش باشلىنىپتۇ.

بىرىنچى ئادەم بىر يەشىك تارغاقنى بۇتخانىغا ئېلىپ بېرىپ، راھىپلار ئىبادەتتىن چۈشكەندە «تارغاق ساتىمەن تارغاق!» دەپ توۋلاپ سېتىشقا باشلاپتىكەن، راھىپلار قىزىقىپ كېلىپ كۆرۈپ بېقىپ ئارقىدىنلا «بىز يا چاچ قويمىساق، تارغاقنىڭ نېمە كېرىكى؟» دېيىشىپ، بۇ مال ساتقۇچى ئەتەي بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپ خاپا بولۇشۇپ، ئۇنى بۇتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشىپتۇ. ئىككىنچى ئادەم 1000تارغاقنى ئوڭۇشلۇق سېتىپ پايدىغا ئېرىشىپ شىركەت تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىپتۇ . ئۇ ئادەم قانداق ئامال بىلەن تارغاقنى ساتقان ؟

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315