قىيىن تېپىشماقلار

تەھرىر:   مەنبەسى:   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16 13:18

1-تۆت دانە ئالمىنى پارچىلىماي تورۇپ بەش كورۇپكىغا قاچلايسىز ، شەرت شۇكى ھەر بىر كورۇپكىدىكى ئالمىنىڭ سانى تەڭ بولۇشى كېرەك .
2- « تەلەي يۇلتۇزى » پىروگىراممىسىدا رىياسەتچى قەيسەر ھەبىبۇللاھ ماھىرلارغا ، بىر سوئالغا توغرا جاۋاپ بەرسە بىر نومۇرغا ئېرىشدىغانلىقى ، بىر سۇئالغا خاتا جاۋاپ

بەرسە بىر نومۇر تارتىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى ، ئۇنداقتا بىرىنجى بولغان ماھىر ئون سۇئالغا جاۋاپ بېرىشتە ، ئالتە نومۇرغا ئېرىشكەن بولسا ، بۇ ماھىر قانچە سۇئالغا خاتا جاۋاپ بەرگەن

.
3-بىر چۈمۈلە يىمەكلىك ئىزدەپ كېتىۋېتىپ چوڭ بىر پارچە ناننى ئۇچىرىتىپ قاپتۇ ، ئۇ دەرھال ئۇۋىسىغا قايتىپ 10 ھەمراھىنى باشلاپ چىقىپتۇ ، لىكىن بۇلار ئۇ ناننى يۆتكىيەلمەسلىكىنى

ھېس قىلىپ ھەر بىرى 10 دىن ھەمراھىنى باشلاپ چىقىپتۇ ، لىكىن بۇلار ئۇ ناننى مىدىرلىتالماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن چۈمۈلىلەرئۇۋىسىغا قايتىپ ھەر بىرى يەنە 10دىن ياردەمچى چۈمۈلىلەرنى

باشلاپ چىقىپتۇ ، لىكىن بۇلارمۇ يەنىلا قوزغىتالماپتۇ . چۈمۈلىلەر يەنە قايتىپ ، ھەر بىرى 10 دىن ياردەمچى باشلاپ چىقىپتۇ . بۇ قېتىمدا چۈمۈلىلەر بۇ ناننى ئۇۋسىنىڭ يېنىغا پۈتۈن

كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەپتۇ . بۇ ناننىڭ پارچىسىنى جەمئىي قانچە چۈمۈلە يۆتكەپ ئەكەلگەن

  


يانفۇندا كۆرۈش
    315