/ئازغۇن خاتىرە

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04 13:24
                              ئازغۇن خاتىرە
                                                             ھېكايە
                                                       ماھىرە مۇختەر

[ئېلزات بىلەمسەن سېى ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن] نازىيە خاتىرسىگە شۇ قۇرلارنى يازدى ئەمما ناھايتى تېزلىك بىىلەن خاتىرسىنى يېپىۋەتتى، ئۇ بۇ خەتلەرنى كىمدۇر بىرىنىڭ كۈرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك قىلاتتى.
ـ نىم بولدۇڭ نازىيە؟ ـ ئېلزات بەدىنى يېرىم قايرىغىنىچە باياتىن بېرى كىتاپتىن بېشىنى كۈرۈرمەي ئولتۇرغان نازىيەدىن سورىدى.
ـ يېچ نىمە.ـ نازىيە شۇنداق دەپ خاتىرنى چىڭ سىقىمدىۋلغىنىنى سەزمەي قالدى. ئەمما بۇ ھالەت ئېلزاتنىڭ كۈزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، ئۇ شىلىق قىلىپ نازىيەنىڭ قۇلىدىكى خاتىرنى تارتىۋلدى ـ دە ، سىرىتقا قاچتى.
ـ ھەي، توختا ئېلزات ـ نازىيە بىر ئاز جىددىيلىشپ قالغان بۇلۇپ خاتىرىنى ئېلىۋلماقچى  بۇلاتتى.
ـ رەنجىپ قالىمەن ئېلزات  ـ نازىيە چىرايغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتى.
ـ رەنجىيە سەن رەنجىسەڭ بەك ئۇماق بوپ كىتىسەن ـ ئېلزات نازىيەنى جىلە قىلغىنىدىن خۇشال بۇلۇپ قېنىپ ـ قېنىپ كۈلەتتى. گايدا خۇشاللىقتىنمۇ چامباشچىلارنىمۇ دوراپ قۇياتتى.
ـ بولدى قېچىۋە قوغلىماپتىمەن سېنى ـ نازىيەنىڭ گىپىنى ئېلزات چۈشەندىمۇ چۈشەنمىدىمۇ
ـ مۇشۇنداق قوغلاۋەرسەڭ ھامان بىر كۈنى تۇتىۋلىسەن دېدى.
نازىيەنىڭ جىمىپ قالىنىنى كۆرگەن ئېلزات نازىيەنىڭ يېنىغا كېلىپ ـ كېلە نازىيە مۇشۇ نۆۋۋەت تۇتىۋلساڭ راسلا بېرىمەن. ـ نازىيە بار كۈچىنى يىغىپ يۈگۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى تۇتالمىدى
ـ بولدى، بەرمىسەڭ بەرمە ئەمدى نازىيە راسلا بەتىنىپ قالدى ـ ساڭا بېرىۋەتتىم كېچىچە ئۇخلىماي ئوقۇ،ـ نازىيە شۇنداق دەپ ئارقىسا ئۆرۈلۈپ كەتمەكچى بولدى.
ـ توختىغىنە تاتلىق ئېلزات كېلىپلا نازىيە بىلىكىگە ئېسىلىۋالدى
نازىيەنىڭ چىرايلىق قاتلىق قاپاقلىرى تۈرۈلگەن بۇلۇپ راسلا خاپا بولۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ـ خاپا بولدۇڭمۇ تاتلىق ؟
ـ تاتلىق دىمە مېنى
ـ بۇلىدۇ تاتلىق بۇلىدۇ، ئەمما سېنى تاتلىق دىمىسەم كىمنى تاتلىق دەيمەن، يېچ كىم سەندەك تاتلىق بولمىسا
ـ ساراڭ ـ. نازىيەنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى يەنە بۇرۇمقىدەك شوخ ھالىتىگە قايىتقاندا
ـ سېنىڭ مۇشۇ تاتلىق كۈلكەڭنى دىمىسەم ئاللىقاچان نىگارەنى كەلتۈرۋالاتتىم مەن
نازىيە ئېلزات مېنى ياخش كۈرىدۇ دەپ ئويلايتى. ئەمما نىم ئۈچۈندۇر بۇ گومۇشنىڭ چىش يېرىپ گەپ قىلمايدىغنىغا بەزىدە ئاچچىقى كەپمۇ قالاتتى.
ـ بارمامسەن ـ نازىيە ئېلزاتنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئالماقچى ئىدى. ئەمما ئېلزاتنىڭ گەپ قىلمايدىغىنىغا كۈزى يەتكەن نازىيە ئارىدىكى بۇرۇختۇمچىلىقنى پەسەتمەكچى بۇلۇپ ـ سەت ـ دېدى.
ـ مەن سەت بولسام مېنى ياخشى كۈرۈپ قالماستىڭ ـ ئېلزاتنىڭ سۈزىنى ئاڭلغان نازىيە ئۈزى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ ـ كىم سېنى ياخشى كۈرىدىكەن سەت مەتو ـ نازىيە شۇنداق دىگەچ ئېلزاتىنىڭ قۇلىدىكى خاتىرە دەپتەرنى ئېلىۋالدى ـ سېنى ياخشى كۆرۈگىچە دېدى نازىيە قۇلىدىكى خاتىرە دەپتەرگە قارىغىنىچە ـ مۇشۇ خاتىرە دەپتەرنى ياخشى كۈرۈپ قالارمەن مەن

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315