ئىككى قەلىب ئوتتۇرسىدىكى ئارلىق يىراقلاپ كەتمىسۇن

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04 13:22
بىر كۈنى، بىر پراففېسور ئوقۇغۇچىلىرىدىن سوراپتۇ: نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاچچىقلانغان چاغدا ۋاقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەيدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئارىسىدىن بىرسى دەپتۇ: چۈنكى ئاچچىقلانغاندا ئۆزىمىزنى بېسىۋالالمايمىز، شۇڭا ۋاقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەپ سالىمىز.
- ئەمما باشقىلار سىلەرنىڭ يېنىڭدىلا تۇرسا، پەسراق ئاۋازدا گەپ قىلساڭلارمۇ بولىدىغۇ؟ نېمىشقا دائىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىرايسىلەر؟ – دەپ سوراپتۇ پراففېسور.
بۇ سوئالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىشقىلىپ ھەممە ئوقۇغۇچى ئاغزىغا كەلگەننى دەپ بېقىپتۇ، ئەمما بىرمۇ جاۋاپ پراففېسورنى قايىل قىلالماپتۇ. شۇنىڭ پراففېسور ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ: ئىككى ئادەم سوقۇشۇپ قالغاندا، قەلبىدىكى ئارىلىق ئىنتايىن يىراق بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ئارىلىقنى يوقىتىش ۋە ئاۋازىنى قارشى تەرەپنىڭ ئېنىق ئاڭلىيالىشى ئۈچۈن، چوقۇم ۋاقىراپ تۇرۇپ سۆزلەش لازىم بولىدۇ. ئەمما ۋاقىرىغان چاغدا ئادەم ئوخشاشلا غەزەپلىنىدۇ، غەزەپلەنگەنسىرى ئارىلىق تېخىمۇ يىراقلايدۇ، ئارىلىق يىراقلىغانسىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىراشقا توغرا كېلىدۇ…
پراففېسور يەنە ئۇلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ: ناۋادا ئىككى ئادەم مۇھەببەتلەشكەن چاغدا قانداق بولىدۇ بىلەمسىلەر؟ ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولىدۇ، پاراڭلاشقاندىمۇ ئىنتايىن بوش ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئارىلىق ئىنتايىن يېقىن، قەلب بىلەن قەلب ئارىسىدا ئاساسەن ئارىلىق يوق دېيەرلىك، شۇڭا مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى ئادەم ئادەتتە ئاساسەن پىچىرلاپ بوش ئاۋازدا پاراڭلىشىدۇ، ئەمما قەلبىدىكى مۇھەببەت شۇ سەۋەپتىن تېخمۇ چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ پاراڭلىشىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ، بارا-بارا پەقەت كۆز ئىشارىسى ئارقىلىقلا قارشى تەرەپنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنەلەيدۇ، ھالبۇكى بۇ چاغدا، قەلب بىلەن قەلب ئارىسىدا ھېچقانداق ئارىلىق قالمىغان بولىدۇ…
ئەڭ ئاخىرىدا پراففېسور مۇنداق يەكۈن چىقىرىپتۇ: ئىككى ئادەم سوقۇشۇپ قالغان چاغدا، ئەڭ ياخشىسى قەلب بىلەن قەلبنىڭ ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەك، قەلب ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرىدىغان گەپلەرنى تېخىمۇ قىلماسلىق كېرەك، نەچچە كۈن تەبىئىيلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاندىن، قەلب بىلەن قەلب ئارىسىدىكى ئارىلىق سەل يېقىنلىغان چاغدا، ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقسىڭىز، بەلكىم تېخىمۇ ياخشى نەتىجە كۆرۈلىشى مۇمكىن.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315