نىكاھلىنىشقا تېزىملاتماي بىر ئۆيدە تۇرسا بۇلامدۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-02 18:16

نىكاھلىنىش يېشىغا توشماي، نىكاھلىنىشقا تىزىملاتماي بىرئۆيدە
تۇرسا قانداق قىلىش كېرەك؟

دۆلىتىمىز« نىكاھ قانۇنىنىڭ »6-ماددىسدا «ئەرلەر 22ياشتا ئاياللار 20ياشتا نىكاھلانسابولىدۇ»دەپ بەلگىلەنگەن، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ قانۇنلۇق نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش  رەسمىيىتىنى بېجىرىپ،نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغاندىلا،ئاندىن ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزغان بولىدۇ،ئەگەر قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش يىشىغا توشماي ۋە نىكاھلىنىشقا تىزىملاتماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە تۇرسا قانۇنغا خىلاپ قىلىش بۇلۇپ،قانۇن تەرىپىدىن قۇغدالمايدۇ،ئۇلارمۇ ئەر-خۇتۇنلۇق سالاھىيەت بىلەن ھەرخىل تەمىناتتىن بەھرىمان بۇلسا بۇلمايدۇ.نىكاھلىنىشقا تىزىملاتماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۇرگەنلەرگە تۆۋەندىكى ئوخشاش بۇلمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن،ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا مۇئامىلە قىلسا بۇلىدۇ:
(1)تۇرۇشلۇق ئۇرۇن بىر قەدەر چەت بۇلۇپ «نىكاھ قانۇنى»نىڭ بەلگىلمىسنى         چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن قىز-ئۇغۇل ياشلاردىن ئۆز ئارا بىرگە تۇرغانلارنى ئەگەر بارلىق شەرتى «نىكاھ قانۇنى»نىڭ بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن بولسا،ئۇلارغا« نىكاھ قانۇنى»نىڭ رۇھىنى تەشۋىق قىلىپ ،ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش رەسمىيىتنى تۇلۇقلاپ بىجىرىشكە سەپەۋەرلىك قىلىش كېرەك
(2)ئەر ـخوتۇن ئىككى  تەرەپ ياكى بىر تەرەپ نىكاھلىىش يېشىغا توشماي،نىكاھلىنىشقا تىزىملاتماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە تۇرغانلارغا ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئەر-خۇتۇن ئىككى تەرەپكە تەلىم تەربىيە ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ،زۇرۇز تىپىلغاندا مەمۇرىي جازا بەرسىمۇ ياكى جازا بىرىپ،ئۇلارنى نىكاھلىنىش يېشىغا توشقاندا،قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۇرۇشكە قايىل قىلش كېرەك.
(3)ئەگەر بىللە تۇرمۇش كەچۇرگەندە نىكاھلىنىش يېشىغا توشماي ھازىر ئالىقاچان نىكاھلىنش يېشىغا توشقان بولسا،ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى تۇلۇقلاپ بېجىرىشكە سەپەۋەر قىلىپ ،قانۇنلۇق ئەر-خۇتۇن بۇلۇشنى قولغا كەلتۇرۇش كېرەك.
(4)«نىكاھ قانۇنى»نىڭ باشقا بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىشتىن قېچىپ قانۇنىسز بىر ئۆيدە تۇرسا ،ئۇلارنىڭ نىكاھنى قانۇنىسز دەپ ئېلان قىلىپ ئىدىيۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ قانۇنىسز نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك،

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315