ئەر -خوتۇنلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قانداق چۈشىنىش كىرەك

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-02 18:14
نىكاھ قانۇننىڭ 24-ماددىسىدا ئەر بىلەن خوتۇننىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن .«ۋارىسلىق قانۇنىدا » جورىلارنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى ئەر –خوتۇننىڭ جىسمانى مۇناسىۋىتىنى ئالدىنقى شەرىت قىلغان .ئەگەر ئىككى تەرەپ ۋارىسلىق باشلىنىشتىن ئىلگىرى نىكاھتىن ئاجراشقان ياكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ئىلان قىلىنغان بولسا ،قارشى تەرەپنىڭ ئۆلگۈچىننىڭ مىراسىغاۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ ،شۇڭلاشقا پەقەت نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشۋاتقان مەزگىلدە بىر تەرەپ ئۆلۈپ كەتسە ،قارشى تەرەپ ئاندىن ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ .شۇڭا بۇ نۇقتىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن چۈشىنۋىلىش كىرەك . 

ئەر –خوتۇنلار ئۆز –ئارا بىرىنچى رەتتىكى قانۇنى ۋارىسلار قاتارىغا كىرىدۇ . 1-
2- خۇسۇسى مال –مۈلۈك بىلەن ئورتاق مال –مۈلۈكنىڭ چىگراسىنى ئىنىق ئايرىش كىرەك .ئەر –خوتۇنلار مىراسقا ئۆز –ئارا ۋارىسلىق قىلغاندا ئاۋۋال ئورتاق مال –مۈلۈكنىڭ جورىسىغا تەئەللۇق يىرىمى ئايرىپ بىرىلگەندىن كىيىن ،قالغىنى مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ مىراسى بولىدۇ    

يانفۇندا كۆرۈش
    315