جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-02 18:10

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى




(1980 – يىل 9 –ئاينىڭ 10 – كۈنى 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001 – يىل 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 – يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ مىزانى.
2 –  ماددا نىكاھتا ئەركىن بولۇش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر – ئايال باراۋەر بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ.
پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلىدۇ.
3 – ماددا نىكاھقا چات كېرىۋېلىش، نىكاھتا سودىلىشىش قىلمىشى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. نىكاھتىن پايدىلىنىپ پۇل – مال ئۈندۈرۈۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
قوش نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. جورىسى بارلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر – بىرىنى خورلىشى، تاشلىۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
4 – ماددا ئەر – خوتۇن بىر – بىرىگە سادىق بولۇشى، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك؛ ئائىلە ئەزالىرى چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىشى، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى كېرەك.

2 – باب نىكاھلىنىش

5 – ماددا نىكاھلىنىش ئەر – ئايالنىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن بولۇشى شەرت، بىر تەرەپنىڭ ئىككىنچى تەرەپنى زورلىشىغا ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
6 – ماددا نىكاھلىنىش يېشى ئەرنىڭ 22 دىن، ئايالنىڭ 20 دىن تۆۋەن بولماسلىقى شەرت، كېچىكىپ نىكاھلىنىشقا، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.
7 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ:
بىۋاسىتە قانداش تۇغقان بولسا ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقان بولسا؛ تېببىي پەندە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا.
8 – ماددا نىكاھلىنىدىغان ئەر – ئايال نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزى بېرىپ تىزىملىتىشى شەرت. بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى تىزىمغا ئېلىنىپ، توي خېتى بېرىلىدۇ. توي خېتى ئالغاندىن كېيىنلا ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ. نىكاھ تىزىملاتمىغانلار تولۇقلاپ تىزىملىتىشى كېرەك.
9 – ماددا نىكاھ تىزىملانغاندىن كېيىن، ئەر بىلەن ئايالنىڭ پۈتۈشىنى بويىچە ئايال ئەر ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسا بولىدۇ، ئەر ئايال ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ بولىدۇ.
10 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس:
(1) قوش نىكاھلىق بولغان؛
(2) نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان؛
(3) نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى تېببىي پەندە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان، نىكاھلانغاندىن كېيىن ساقايمىغان؛
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش يېشىغا يەتمىگەن.
11 – ماددا نىكاھ مەجبۇرىي بولغان بولسا، مەجبۇرلانغۇچى نىكاھ تىزىملاش ئورگىنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ نىكاھنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مەجبۇرلانغۇچى نىكاھنى بىكار قىلىش تەلىپىنى نىكاھ تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قويۇشى كېرەك. جىسمانىي ئەركىنلىكى قانۇنسىز چەكلەنگەنلەر نىكاھنى بىكار قىلىش تەلىپىنى جىسمانىي ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قويۇشى كېرەك.
12 – ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس ياكى بىكار قىلىنغان نىكاھ باشتىلا كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەر – خوتۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. بىللە ئۆي تۇتقان مەزگىلدە ئېرىشكەن مال – مۈلكىنى ئۇلار كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى سەۋەنلىك يوق تەرەپكە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. قوش نىكاھلىنىش تۈپەيلىدىن نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس قىلىنغاندىن كېيىن مال – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنلۇق نىكاھلانغۇچىلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۇ قانۇندىكى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

3 – باب ئائىلە مۇناسىۋىتى

13 – ماددا ئەر – خوتۇننىڭ ئائىلىدىكى ئورنى باراۋەر.
14 – ماددا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئۆز ئىسىم – فامىلىسىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.
15 – ماددا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، بىر تەرەپنىڭ ئىككىنچى تەرەپنى چەكلىشىگە ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
16 – ماددا ئەرنىڭمۇ، خوتۇننىڭمۇ پىلانلىق تۇغۇت مەجبۇرىيىتى بار.
17 – ماددا ئەر – خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى مال – مۈلكى ئەر  - خوتۇننىڭ ئورتاق مال – مۈلكى بولىدۇ:
(1) مائاش، مۇكاپات پۇلى؛
(2) ئىشلەپچىقرىىش، تىجارەت تاپاۋىتى؛
(3) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتى؛
(4) ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە ئارقىلىق ئېرىشكەن مال – مۈلكى، لېكىن بۇ قانۇننىڭ 18 – ماددىسىنىڭ 3 – تارماقچىسىدا بەلگىلەنگىنى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(5) ئورتاق ئىگىدارىلق قىلىدىغان باشقا مال – مۈلۈك.
ئەر – خوتۇن ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال – مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
18 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، مال – مۈلۈك ئەرنىڭ ياكى خوتۇننىڭ بولىدۇ:
(1) بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال – مۈلكى؛
(2) بىر تەرەپ جىسمانىي زەخىمگە ئۇچراپ ئېرىشكەن داۋالىنىش پۇلى، مېيىپلەر تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلار؛
(3) ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە توختامدا ئەر ياكى خوتۇنغا تەۋە دەپ بېكىتىلگەن مال – مۈلۈك:
(4) بىر تەرەپكە خاس تۇرمۇش بۇيۇملىرى؛
(5) بىر تەرەپكە تەۋە باشقا مال – مۈلۈك.
19 – ماددا ئەر – خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال – مۈلكى شۇنىڭدەك نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال – مۈلكىگە ئايرىم – ئايرىم ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى ياكى بىر قىسمىغا ئايرىم – ئايرىم ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى، بىر قىسمىغا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى پۈتۈشسە بولىدۇ. پۈتۈم يازما بولۇشى كېرەك. پۈتۈم بولمىسا ياكى پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، بۇ قانۇننىڭ 17 -، 18 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئەر – خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال – مۈلكى شۇنىڭدەك نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال – مۈلكى ھەققىدىكى پۈتۈمى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە.
ئەر – خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال – مۈلكىنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىم – ئايرىم تەۋە ئىكەنلىكىنى پۈتۈشكەن، ئەر ياكى خوتۇن باشقىلارغا قەرزدار بولغان، بۇ پۈتۈمنى 3 – كىشى بىلىدىغان بولسا، بۇ قەزنى ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىگە تەۋە مال – مۈلۈك بىلەن تۆلەيدۇ.
20 – ماددا ئەر – خوتۇننىڭ بىر – بىرىنى بېقىش مەجبۇرىيى بار.
بىر تەرەپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، بېقىلىدىغان تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
21 – ماددا ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار؛ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار.
ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ياكى تۇرمۇشى قىيىن بولغان ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىدىن قاراش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
بوۋاقنى تۇنجۇقتۇرۇۋېتىش، تاشلىۋېتىش قىلمىشى ۋە ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.
22 – ماددا پەرزەنتلەر ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
23 – ماددا ئاتا – ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى قوغداش ۋە تەربىيىلەش ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بار. قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەر دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، ئاتا – ئانىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارىقىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
24 – ماددا ئەر – خوتۇننىڭ مىراسقا ئۆزئارا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار.
ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مىراسقا ئۆزئارا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار.
25 – ماددا نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا نىكاھلىق تۇغۇلغان بالىغا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشىگە ۋە ئۇنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان ئۆز ئاتىسى ياكى ئۆز ئانىسى شۇ بالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنى تاكى شۇ بالا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولغانغا قەدەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
26 – ماددا دۆلەت قانۇنلۇق بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ. بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان بالىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
بېقىۋېلىنغان بالا بىلەن ئۆز ئاتا – ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن يوقايدۇ.
27 – ماددا ئۆگەي ئاتا – ئانا بىلەن ئۆگەي بالا ئوتتۇرىسىدا بىر – بىرىنى خورلاش ياكى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
ئۆگەي ئاتا ياكى ئۆگەي ئانا بىلەن ئۇلار بېقىپ تەربىيىلىگەن ئۆگەي بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
28 – ماددا نەۋرىسىنى بېقىپ تەربىيىلەش ئىقتىدارى بار بوۋا – مومىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا – ئانىىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن نەۋرىلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار. بوۋىسى، مومىسىغا قاراش ئىقتىدارى بار نەۋرىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى پەرزەنتلىرى قارىيالمايدىغان بوۋىسى، مومىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار.
29 – ماددا ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش ئىقتىدارى بار ئاكا، ئاچىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا – ئانىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاكىسى، ئاچىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بېقىش ئىقتىدارى بار ئۇكا، سىڭلنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى كەمچىل ھەم تۇرمۇش مەنبەسى يوق ئاكا، ئاچىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.
30 – ماددا پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ نىكاھ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاتا – ئانىسىنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا ۋە نىكاھلانغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى ئاتا – ئانىسىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.

4 – باب ئاجرىشىش

31 – ماددا ئەر – ئايال ئاجرىشىشنى ئىختىيار قىلسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت. نىكاھ تىزىملاش ئورگىنى ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئىختىيار قىلغانلىقى ھەمدە پەرزەنت ۋە مال – مۈلۈك مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئاجرىشىش خېتى بېرىدۇ.
32 – ماددا ئەر ياكى ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئالاقىدار تارماق مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ ياكى ئاجرىشىش دېلوسىنى سوت قىلىشتا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك؛ ئەر – خوتۇننىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ،مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك:
(1) قوش نىكاھلانغان ياكى جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتقان؛
(2) ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنغان ياكى ئائىلە ئەزاسىنى خورلىغان، تاشلىۋەتكەن؛
(3) قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى قايتا – قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن؛
(4) چىقىشالمىغانلىقتىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىل توشقان؛
(5) ئەر – خوتۇنلۇق مۇھەببىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان باشقا ئەھۋال.
بىر تەرەپ يوقاپ كەتتى دەپ جاكارلىنىپ، يەنە بىر تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان بولسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك.
33 – ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جورىسى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ ھەربىينىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك، لېكىن ھەربىي ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا بۇنداق بولمايدۇ.
34 – ماددا ئايال ھامىلىدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
35 – ماددا ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر – ئايال يارىشىۋېلىشنى ئىختىيار قىلسا، نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ يارىشىۋېلىشنى تىزىملىتىشى شەرت.
36 – ماددا ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا – ئانىنىڭ ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمايدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى مەيلى ئاتىسى ياكى ئانىسى بىۋاسىتە باقسۇن، ئۇ يەنىلا شۇ ئاتا – ئانىنىڭ بالىسى.
ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ، ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
ئاجراشقاندىن كېيىن، ئەمچەكتىكى بالىنى بېقىشتا ئېمىتىۋاتقان ئانىسىنىڭ بېقىشى پرىنسىپ قىلىنىدۇ. ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش كۆرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ پۈتۈشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بالىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
37 – ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن، بىر تەرەپ بېقىۋاتقان بالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنىڭ مىقدارىنى ۋە تۆلەش مۇددىتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
بالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتى توغرىسىدىكى كېلىشىم ياكى ھۆكۈم بالىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتىسىغا ياكى ئانىسىغا كېلىشىم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئارتۇق مۇۋاپىق تەلەپ قويۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ.
38 – ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى بىۋاسىتە باقمايدىغان ئاتا ياكى ئانىنىڭ بالىنى كۆرۈش ھوقۇقى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپنىڭ ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى، ۋاقىتنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ بالىنى كۆرۈشى بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسى زبولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كۆرۈش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە توختىتىدۇ؛ توختىتىش سەۋەبى يوقىغاندىن كېيىن، كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
39 – ماددا ئەر – خوتۇن ئاجراشقاندا، ئورتاق مال – مۈلكىنى كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت مال – مۈلۈك ئەھۋالىغا قاراپ، بالىنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئەر ياكى ئايالنىڭ ئائىلىدىكى يەر ھۆددىگەرلىك تىجارىتىدە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق – مەنپەئىتى قاتارلىقلار قناۇن بويىچە قوغدىلىشى كېرەك.
40 – ماددا ئەر – خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال – مۈلكىنى ئۆزلىرىگە ئايرىم – ئايرىم تەۋە دەپ يازما پۈتۈشكەن، بىر تەرەپ بالىنى بېقىپ تەربىيىلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، يەنە بىر تەرەپنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلاردا مەجبۇرىيىتىنى كۆپرەك ئادا قىلغان بولسا، ئاجراشقاندا يەنە بىر تەرەپتىن ھەق تەلەپ قىلشقا ھوقۇقلۇق، يەنە بىر تەرەپ ھەق بېرىشى كېرەك.
41 – ماددا ئەر – خوتۇن ئاجراشقاندا، ئورتاق تۇرمۇش ئۈچۈن ئىلگىرى ئالغان قەرزنى ئورتاق تۆلىشى كېرەك. ئورتاق مال –مۈلۈك قەرزنى تۆلەشكە يەتمىسە ياكى مال – مۈلۈك ئۆزلىرىگە ئايرىم  - ئايرىم تەۋە بولسا، ئىككى تەرەپ كېلىشىپ تۆلەيدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
42 – ماددا ئەر – خوتۇن ئاجراشقاندا، بىر تەرەپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا، يەنە بىر تەرەپ تۇرالغۇسى قاتارلىق شەخسىي مال – مۈلكىدىن مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

5 – باب ياردەم تەدبىرلىرى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى

43 – ماددا ئائىلدە زوراۋانلىق قىلىنسا ياكى ئائىلە ئەزاسى خورلانسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى شۇنىڭدەك خىزمەت ئورنى نەسىھەت، مۇرەسسە قىلىشى كېرەك.
ئائىلىدە زورۋانلىق قىلىنىۋاتقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى نەسىھەت قىلىشى كېرەك؛ ج خ ئورگىنى توسۇشى لازىم.
ئائىلە زوراۋانلىق قىلىنغاندا ياكى ئائىلە ئەزاسى خورلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلسا، ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك.
44 – ماددا ئائىلە ئەزاسى تاشلىۋېتىلسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى شۇنىڭدەك خىزمە ت ئورنى نەسىھەت، مۇرەسسە قىلىشى كېرەك.
ئائىلە ئەزاسى تاشلىۋېتىلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بېقىش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەپ ھەققى، قاراش ھەققى بېرىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.
45 – ماددا قوش نىكاھلىنىپ، ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىپ ياكى ئائىلە ئەزاسىنى خورلاپ، تاشلىۋېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جىنايى ئىشلار  دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە تەھقىقلىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئەيىبلىشى كېرەك.
46 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئاجرىشىشقا سەۋەب بولسا، سەۋەنلىك يوق تەرەپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1)        قوش نىكاھلىنىش؛
(2)        جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش؛
(3)        ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش؛
(4)         ئائىلە ئەزاسىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش.
47 – ماددا ئاجراشقاندا، بىر تەرەپ ئەر – خوتۇنغا ئورتاق مال – مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن بولسا ياكى قەرز ئويدۇرۇپ چىقىپ يەنە بىر تەرەپنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش غەرىزىدە بولغان بولسا، ئەر – خوتۇنغا ئورتاق مال – مۈلۈكنى بۆلگەندە، ئەر – خوتۇنغا ئورتاق مال – مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن ياكى قەرز ئويدۇرغان تەرەپكە ئاز بۆلۈپ بېرىلسە ياكى بۆلۈپ بېرىلمىسە بولىدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپ يۇقىرىقى قىلمىشنى سەزگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئەر – خوتۇنغا ئورتاق مال – مۈلۈكنى قايتا بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.
48 – ماددا بېقىش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، قاراش ھەققى، مال – مۈلۈكنى بۆلۈش، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، بالىنى كۆرۈش قاتارلىقلارغا دائىر ھۆكۈم ياكى كېسىم ئىجرا قىلىنمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ. ئالاقىدار شەخس ۋە ئورۇنلار ئىجراغا ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
49 – ماددا باشقا قانۇنلاردا نىكاھ ۋە ئائىلىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

50 – ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە جەھەتتىكى كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر تۈزگەن جانلىق بەلگىلىمە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم رايون تۈزگەن جانلىق بەلگىلىمە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
51 – ماددا بۇ قانۇن 1981 – 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
1950 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى» بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ . .



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315