ئۆي مۈلۈك كىنىشكىسى توغرىسىدا بىر مەسلىھەت سورايمەن

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-02 18:08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار:
مېنىڭ ئۆي مۈلۈك سېتىش ۋە ئۆي مۈلۈك كىنىشكىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى شۇنى مۇناسىۋەتلىك تورداشلاردىن سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم، بۇ جەھەتتە بىلىمى ياكى تەجرىبىسى بارلار مەسلىھەت بېرەرسىلەر.
مەن 2010-يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر ئولتۇراق رايونىدىن  89.54كىۋادىرات مېترلىق بىر يۈرۈش بىنا ئۆينى بانكىدىن قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان ئىدىم، ھازىر بۇ قەرزلەرنى تۈگىتىپ ئۆي مۈلۈك كېنىشكىسىنى بىجىرىش باسقۇچىدا. ھازىر مەن خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبىدىن بۇ بىر يۈرۈش ئۆينى ساتماقچى ئىدىم،  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ماڭا بۇ ئۆينىڭ كېنىشكىسى چىققاندىن كېيىن بەش يىل ئىچىدە نامىنى باشقىلارنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەمدى مەسىلە: ھازىر بۇ ئۆينى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان خىرىدارلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىشچى خىزمەتچىلەر، ئۆينى بىر قولدا سېتىۋالالايدىغانلىرى ئاز، كۆپىنچىسى ئاۋال پۇلنىڭ بىر قىسىمىنى تۆلەپ، ئۆينىڭ كېنىشكىسىنى بانكىغا رەنىگە قويۇپ ئاشقان قىسمىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەمما كېنىشكىنى باشقىلارنىڭ نامىغا ئالماشتۇرغىلى بولمىغان ئەھۋالدا بانكىغا رەنىگە قويسا چوقۇم مېنىڭ نامىمدا قەرز ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئەگەر مېنىڭ نامىمدا قەرز ئالسا، مەن ئىككىنچى قېتىم قەرز ئالالمايدىكەنمەن (مەنمۇ ھازىر تۇرۋاتقان يەردىن قەرزگە يىڭى ئۆي ئالماقچى).
ئەمدى سورايدىغان مەسلىھەتىم:
1.ئۆي مۈلۈك كىنىشكىسىنىڭ نامىنى كېنىشكە بىجىرىلىپ بەش يىلغىچە باشقىلارنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمە بارمۇ؟ بەزىلەر ماڭا ئازراق يول ماڭسا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى، ئەمما بىر قىسىم ھەقلىرىنىڭ بەك يۇقۇرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەگەر راستىنلا ئالماشتۇرغىلى بولسا قانداق ھەقلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك؟ ئۇ ھەقلەرنى قانداق ئۆلچەم بويىچە ھىسابلايدۇ؟
2.ئۆي مۈلۈك كىنىشكىسىنىڭ نامىنى بەش يىلغىچە ئۆز نامىغا ئۆزگەرتەلمىسە ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭمۇ كۆڭلىدىمۇ نۇرغۇن پۇل تۆلەپ ئالغان ئۆي بولسىمۇ، خۇددى خەقنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغاندەك ئەندىشە بولىشى ئېنىق. بەزىلەر ماڭا ئۆينى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ سېتىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ، بەش يىلدىن كېيىن نامىنى ئۆزگەرتىۋېلىش تەكلىۋىنى بەردى.  بۇنىڭ تەرتىپى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر بەش يىلدىن كېيىن كېنىشكە نامىنى ئۆزگەرتسە بۇنىڭغا قانداق ھەقلەر كېتىدۇ؟ قانداق ئۆلچەم بويىچە ھىسابلىنىدۇ؟
مېنىڭ مەقسىتىم قارشى تەرەپ بىلەن كېلىشىپ، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشقان ھالدا ئۆي سېتىش سېتىۋېلىش سودىسى قىلىش، ئۆزۈممۇ ھەم قارشى تەرەپنىمۇ خاتىرجەم، رازى قىلىش . مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراۋاتقانلار خېلى كۆپ ساندا ئىكەن، ئۇلارنىڭمۇ تازا بېشى قېتىۋاتىدۇ. مەسلىھەت بەرسەڭلەر، رەھمەت.
ئېھتىرام بىلەن: ئابدۇغەنى
2015.3.5
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315