سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-02 18:04
                                                   سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز
            ئۆزىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشنى نىيەت قىلغان بۇ يىگىت كۆزۈمگە شۇنچە مەردۇ-مەردانە كۆرۈنگەن ئىدى. ئۇ مەلۇم ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى شىركەت تەرىپىدىن يەنە بىر شىركەتتە شوپۇر بولغان،شىركەتتنىڭ ماشىنا ئىشلىتىش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغاندىن كىيىن ئىش ئورنى ئالماشتۇرۇلغان يەنى ئىشككە قارايدىغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ يىگىت بولسا «مەن دىگەن شوپۇر، دەرۋاىۋەن ئەمەس» دەپ ئىشلەشنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى شىركەت ئۇنى ئەسلى شىركەتكە قايتۇرغان، ئەسلى شىركەتمۇ ئۇنى ئىشتىن بوشاتقان.
         ئۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى شىركەت ۋە ئەمگەكچى ئەۋەتكەن شىركەت ئۈستىدىن كىسم كومتىتىمىزغا دەۋا قىلغان، ئۇنىڭ دەۋا تەلىپى پەقەتلا قانۇن دائرىىسدە ئەمەس، روھى تۆلەم نەچچە تۈمەن، ئىشتىن قالغاندىن كىيىنكى تۇرمۇش چىقىمى نەچچە تۈمەن.
   كومتىتىمىزدا ئىتلىماس قىلغۇچىلارغا مانى تەلەپ قىلىڭ،ئانى تەلەپ قىلىڭ دەيدىغان  ئىش يوق. پەقەت ئۇلارغا ئەستايدىل بولۇشنى، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى كۆرۈشنى، ھىچ بولمىسا 100 يۈەننىڭ مەردىن كىچىپ قانۇن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بىرىپ قانۇن قوللايدىغان دەۋا تەلەپلىرىنى چىرايلىق يىزىپ كىلىش مەسلىھەتىنى بىرىپ قويمىز، ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى پىكىرىمىزنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى چىرايلىق قوبۇل قىلىپ قانۇن بەلگىلىمىگە ئاساسەن كىسىم چىقىرىپ بىرىمىز.بىرىنچى پاي ئوق خاتا كەتكەن بولغاندىكىن ئۇنىڭ كىيىنكى دەۋا ئىشلىرىمۇ ئۇنداق ياكى بونداق بولۇپ قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ.
            ھازىر نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكچى ئورۇنلار ئومومەن ھالدا قانۇن بەلگىلىمە دائىرىسىدە ئادەم ئىشلىتىۋاتىدۇ، يۇقارقى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىلىپ ئىيىتساممۇ ئۇ ئەسلى شىركەتكە چىدىمايدىكەن، بىراق بولىدىغان ئىش بولۇپ،ئۇ شىركەت بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىىتى بىكار قىلىنغان، قاراپ باقسام،سەۋەنلىكنىڭ ھەممىسى ئادەمدە ئىكەن، ھازىرقى ئەھۋالدا كۆپىنچىمىزنىڭ خىزمەت  تاللاش پۇرسىتىمىز يوق، خىزمەت سىزنى تاللايدۇ،بىزگە ئىھتىياجلىق بولغان خىزمەتنى بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن قىلساق بىر نەتىجە چىقىدۇ. ھىلىقى يىگىت ئىشسىز قالدى،ئۇنىڭ ئايالى ئىشسىز ئىكەن، بىر بالىسى بار ئىكەن. ئەرنىڭ شىركەت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىشى، شىركەت ئۇنى ئىشىككە قارا دەپ ئورۇنلاشتۇرسا، مەن دىگەن ماشىنا ھەيدەيمەن، دەرۋازىۋەن ئەمەس دەپ بىر خىزمەت ئورنىنى كۆزگە ئىلماسلىق بىلەن بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى ئۈزۈلدى. ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315