ج خ مىنىستىرلىقى: كىملىكنى باشقا جايدا ئالماشتۇرۇشقا، تولۇقلاشقا، يۈتكەنلىكنى مەلۇم قىلىشقا بولىدۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-13 10:43

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا ئالماشتۇرۇشقا، تولۇقلاشقا ۋە يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

    شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 12-نويابىر تېلېگراممىسى: ئۇزاق مەزگىل نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا كىملىك بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش، شۇنداقلا جەمئىيەتتە تېخىمۇ بىخەتەر كىملىك ئىشلىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاش ئارقىلىق، يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «ئاھالىلەرنىڭ كىملىكنى باشقا جايدا يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە يوقىتىپ قويغان ئىگىسىنى چاقىرىش تۈزۈمى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

    «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاھالىلارنىڭ كىملىكنى باشقا جايدا يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە يوقىتىپ قويغان ئىگىسىنى چاقىرىش تۈزۈمى بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك خەلققە ھەقىقىي قولايلىق يارىتىدىغان مۇلازىمەت تەدبىرى بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ھەرقايسى جايلاردىكى نوپۇسنىڭ توپلىنىشى ۋە مۇلازىمەت باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق ئويلىشىپ، قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ نوپۇس مۇلازىمەت باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى كۆپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنى يولنى ئاز ماڭىدىغان قىلىش كېرەك؛ مەشغۇلات تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: دائىم نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە قانۇنلۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئوقۇشقا بارغان، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ كىملىكنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىش نۇقتسىغا بېرىپ كىملىك ئالماشتۇرۇش، تولۇقلاپ ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشى، ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغانلار كىملىكنى، تولۇقلاپ ئالماقچى بولغانلار ئاھالىلار نوپۇس دەپتىرى ياكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ، كىملىك ئېلىش تالونىغا ئاساسەن  باشقا جايدا كىملىك بېجىرىش نۇقتىسىدىن كىملىكىنى ئېلىۋالىدۇ. سالاھىيىتىنى بېكىتىش تەس بولغان ۋە ناچار ئۇچۇر خاتىرىسى بولغان كىشىلەرنىڭ باشقا جايدا كىملىك بېجىرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ نوپۇس ساقچىخانىلىرى، كىنىشكە بېجىرىش زاللىرى پۇقرالارنىڭ كىملىكىنىڭ يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ كىملىكنىڭ يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى كىنىشكە ئىشلىتىدىغان تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىنى كىملىك يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىشنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىنى تەمىنلەش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىلىرى، نوپۇس مەمۇرىيىتى نوپۇس بېجىرىش زالىدا كىملىك يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش، ئىگىسىنى چاقىرىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، يەنە ئامما تېپىۋالغان يۈتۈپ كەتكەن كىملىكلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ ۋە قايتۇرۇپ بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تېپىۋېلىنغان كىملىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، كىملىكى يۈتۈپ كەتكەن ئاممىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    <<پىكىر>>دا مۇنداق تەكىتلەندى: كىملىك تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالاقىدار كىنىشكە ئىشلەتكۈچى تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، باشقىلارنىڭ كىملىكنى سۈيئىستېمال قىلىۋېلىشىنى قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ئالاقىدار بەلگىلمىلەر بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ باشقىلارنىڭ كىملىكىنى سۈيئىستېمال قىلغانلارنى دەل ۋاقتىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تيەنجىن، بىلەن خېنەن، جياڭسۇ بىلەن ئەنخۇي، جېجياڭ بىلەن جياڭشى، چوڭچىڭ بىلەن سىچۈەن، خۇبېي بىلەن خۇنەن قاتارلىق 10 ئۆلكە، شەھەرنى كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىشنى بىر جۈپ سىناق نۇقتىسى قىلغان. 2016-يىلى 7-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ۋە شارائىتى بار ناھىيە (شەھەر)لەردە باشقا جايدا بېجىرىش كېڭەيتىلىدىكەن. 2017-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا باشقا جايدا كىملىك بېجىرىش، يۈتكەنلىكنى مەلۇم قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش ۋە يۈتۈرۈپ قويغان ئىگىسىنى چاقىرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن. 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315