ۋاسىتىچى قىزغا چەكتىن ئاشقان تەلەپ قويغان خېرىدار جاجىسىنى يېدى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-11 12:01

 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت 7:00 دىن ئاشقاندا، نەنجىڭدىكى لۇ ئۇستام ساقچىغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتىدە خوجايىن تەرىپىدىن تاياق يېگەنلىكى، ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، لۇ ئۇستام بىر نەچچە يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە كەلگەن، شىركەت خىزمەتچىسى ۋۇ خانىم ئۇنى كۈتۈۋالغان، ئارقىدىن لۇ ئۇستام توختىماي ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئۇنى ئەخمەق قىلغان، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن بىرگە بولسا ئاندىن توختام ئىمزالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، دۇكان باشلىقى ئۇنىڭغا قائىدە چۈشەندۈرۈش جەريانىدا ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بەرگەن.

 

 

ئىجارە ئالغۇچى لۇ ئۇستامنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاسىتىچى شىركەتنىڭ مۇلازىمىتى ۋە مەشغۇلاتىدا مەسىلە بار ئىكەن، ئۇ كۆڭلىدە نارازى بولغان ئىكەن، دۇكان باشلىقى بولسا توختىماي ئۇنى توختام ئىمزالاشقا سۈيلىگەن، ئۇ ئايال خىزمەتچىگە چاقچاق قىلىپ قويغان ئىكەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تاياق يېگەن ئىكەن، ساقچى ئۇنى ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىسىنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇپ، ئارقىدىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

 

 

 

 

رەسىمدىكى بولسا ئۇلارنىڭ پاراڭ خاتىرىسى

 

 

رەسىمدىكى بولسا لۇ ئۇستام

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315