ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىلگىرىكى يىگىتىدىن ئۆچ ئالغان قىز پۇشايمانغا قالدى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-11 11:59

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرىدە يېقىندا بىر قىز ئىلگىرىكى يىگىتىدىن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئادەم ياللاپ ئىلگىرىكى يىگىتىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغاندىن سىرت ئۇنىڭ يۈزىگە كىسلاتا چېچىپ چىرايىنى بۇزۇۋەتكەن. ئشتىن كېيىن سوت مەھكىمىسى قىز بىلەن ئاشنىسىغا قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى،  ئۇلار ياللىغان ئەرگە قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن پەن xx بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يې xx ئىلگىرى مۇھەببەتلىشىپ بىللە تۇرۇش جەريانىدا پېتىشالمىغان. پەن xx بۇلتۇر 15- ئاپرېل ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ يەنە بىر ئەرنى ياللاپ، يې xx تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ھەمدە يې xx دىن قەرز بەرگەن پۇلىنى ئالالماي، شۇ يىلى 27- ماي ئاچچىقىدا ئۇنىڭ يۈزىگە كىسلاتا چېچىۋەتكەن.«قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315