دۆلىتىمىز 2 پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-11 11:52

پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن غەلىبىلىك يېپىلدى، يىغىندا پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر ئەر-ئايال ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلدى. بۇ 2013-يىلى، 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى «يالغۇز 2 پەرزەنت» سىياسىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق نوپۇس سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشى ئىكەن.

ئومۇمىي يىغىنىڭ ئاخباراتىدا، نوپۇسنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆرسەتتى. بىر ئەر-ئايال ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جىنسىيەت ساغلاملىقى، ئانا-بالىلار ساقلىقى، يەسلى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315