ئەدىبلەر نېمە ئۆچۈن پۇشايمان قىلىدۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-11 11:46

 يالقۇن روزى    



               قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسۇپ سوقرات‹‹ ھەقىقەتنى بىر ئادەم سۆزلەيدۇ ، پىتنە –پاساتنى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ  ›› دېگەن ئىكەن ھەقىقەتنى قۇغداش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دارغا ئىسلغان سوقرات ئۆز زامانداشلرى ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ساناقلىقلا كىشلەرىنڭ بىرى بىرى ھىساپلىندۇ . ئۇنىڭ ئافىنا سوتىدا سۆزلىگەن چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازى تاكى ھازىرغىچە ياڭراپ تالاي كىشلەرنىڭ قەلىبىنى لەرزىگە سالماقتا ، ئەلۋەتتە ھەقىقەتلا ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە . مەن ئەدەبىيات كوچىسىغا ئىشتىياق باغىلغاندىن بۇيان ئوقۇغان ئەسەرلىرىمدە ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقەت قارىشغا ۋە ئىدىيۋى مەۋقەسىگە بەكرەك قاراپ كەلدىم . 
             ئادەتتە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ساختىلقىنى ،چىنلىق ،رەزىلىكىنى گۈزەللىك ، قەبىھلىكىنى مىھىرىبانلىق دەپ چۆشىندىغان ياكى ئۇلارنىڭ پەرقىنى مۈجمەل ئەدىبلەر كۆپ ئۈتكەن ، شۇڭا ، نۇرغۇن ئەدىبلەرنڭ يازغانلىرى تارىخنىڭ سىنقدىن ئۆتەلمەي ، دەۋىر شامالىدا تۇزۇپ تۈگكەن ، بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا ھەقىقەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق ، ھەرخىل مەۋقەدىكى ئەدىبلەرنى ، يەنى ھەقىقەت ئۈستدە تىنىمىسز ئىزدەنگەن ئىزدىنىش رۇھىغا باي ، پاراسەتلىك ئەدىبلەرنى : ھەقىقەت مەيدانىدا تەۋرەنمەي تۇرالىغان جاسارەتلىك ئەدىبلەرنى ھەقىقەت ئۆچۈن بارلىقىنى بىغىشلاپ تىللاردا داستان بولغان ئوت يۈرەك ئەدىبلەرنى : ھەقىقەتىن بىخەۋەر ھالدا ياشاپ ئۆتكەن ئالجۇقا ئەدىبلەرنى : ھەقىقەتىنى تۇنۇغان ئەمما يېقىنلىشقا جۈرئەت قىلالىمغان توخۇ يۈرەك ئەدىبلەرنى ، ھەقىقەتنى قۇغداشقا ھەرقاچان تەييار تۇرغان پىداكار ئەدىبلەرنى ، بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى سىتىپ خەجلەپ ئادەتلەنگەن ‹‹ ھايانكەش›› ئەدىبلەرنى كۆرىمىز . 
             ھەر قايسى ئەل ئەدبياتنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلاردەك چاراقلاپ، ئۆزىگە تىكلىگەن جۈپ-جۈپ كۆزلەر قاماشتۇرۋىتىدىغان ئەدىبلەر دەل تارىخنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن تاسقاشلىرىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ ، جاھان ئەھلىنىڭ ئورتاق ئىتىراپ قىلشغا ئىرىشكەن ئەدىبلەردۇر . بىلش قانۇنيىتى بۇيىچە ئىيتقاندا ، بىر ئادەمىنىڭ تۇنۇشى تەدرىىجى چوڭقۇرلىش جەرياننى بىسىپ ئۆتىدىغانلىقى تەبىئى ئەھۋال . بىز ھەرقانداق ئەدىبىنىڭ ھەقىقەتنى بىلش جەرياننى مۇشۇ قانۇنىيەت بۇيىچە كۆزىتىمىز . مۇشۇنداق ئىلىمى پۇزىتىسيە بۇيىچە قارىغاندا دىقىتىمىزنى ئالاھىدە تارتدىغىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن ،   ئىنقىراق ئىيتقاندا ھەقىقەت قارشىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارغان بىر قىسىم ئەدبىلەردۇر . پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بلشلىرى جەريانىدا . بىر ئادەمىنڭ بارلىق بىلش جەريياندا سۇبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپىنىڭ تامامەن ماس، بىردەل بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس .سەپسەتدىن قۇتۇلماق تەس . لاتىنلارنىڭ ‹‹ خاتالاشمايىدىغان  ئادەم يوق ، خاتالقىدا چىڭ تۇرۋىلىش كالۋالىق ، ئاقىللار خاتالاشمايدىغانلار ئەمەس، بەلكى خاتالاشسا شۇئان تۈزتىدىغانلاردۇر ›› دەيدىغان ھىكىمەتلىك سۆزى بار . بىر ئەدىبكە نىسبەتەن ئىيتقاندا ئىلگىرىكى ئىجادىيەت يولىدىن پۇشايمان قىلش قارىماققا كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ ، ئەمما چۆڭقۇراق كۈزەتسەك ، پۇشايمانلىق تەپەككۇر قىلش مەزكۈر كىشىنڭ ئىدىيۋى تۇنۇشىدا ، قىممەت قارشىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش بولغاندا ، ھەقىقەتنى يىڭى باشتىن چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەندە كۆرۈلىدىغان ئىجابى سۈپەت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى تۇنۇش ، چۈشىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولالماي ئۈتۈپ كەتكەن ۋە ئۈتۈپ كىتۋاتقان ئەدبىلەرگە سىلشتۇرغاندا ھەقىقەت ئىزدەپ ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىر ئەدىب ئۆچۈن بەخىت ھەم يۇقىرى مەنىۋى ساپا ھىساپلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە .]ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارغان بى خلىدىكى ئەدبلەر بىزنىڭ مىللى ئەدەبىيات تارىخمىزدىمۇ بار . مەن 1980-يللاردىن بۇيان ئۈز ئەدىبلىرىمىزنىڭ ھەقىقەت قارشىغا ، يەنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلرىدە ئەكىس ئەتكەن چىنلىققا ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلە جاسارىتىگە ۋە ھەقىقەت ئىزدەش قىزغىنلىقىغا ، قىسقىسى ، خەلىقىمىزنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى ۋە ئىجتمائى رىئاللىقىغا مۇناسۋەتلىك ھەقىقەت مەسلىسىدىكى مەيدانىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ كەلدىم ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقەت بولسىلا ، قەلىمىدە ئەكس ئەتمەي قالمايتى  شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆز جۈمىللىرى ئارىسدا ، مىسرا –كۇپلىتلىرنىڭ قات-قاتلىرىدا ھەقىقەت دۇردانلىرنىڭ بار –يوقلىقىنى بەكرەك زىغىرلىدىم . شۇ جەريانىدا بىر قىسىم ئەدىبلىرىمزىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇدىئاسى ۋە مەۋقەسىدىن پۇشايمان خاراكتىرلىك خۇلاسە چىقارغانلىقىنى ھىس ق/قىلدىم . شۇ يىرى دىققەتكە سازاۋەركى ، ئۇلار بۇ خلىدىكى ئەسەرلىرىنى 55-بەشتىن كىينكى ياش باسقۇچىدا يازغان ئىدى . ئومۇمى مەنىدىن ئىيتقاندا ، قەلەمكەشلەرنىڭ ئۈمۈرلۈك ئىجادىيەت مۇدىئاسى ۋە مەۋقەسىدە بۇرۇلۇش ياسشى ، شۆبھسزكى ، مەزكۇر ئەدىبىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا ئالاھىدە قىممەت بىغشلايدۇ . 
       20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئىجادىيەت بىلەن سۇغۇللانغان ، ئەمما ، ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنىڭ ھەقىقەت قارىشىنى چىن مەنسى بىلەن يىڭلاپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتىلىك خۇلاسە چىقارىغان ئەدىبلەر ئانچە كۆپ ئەمەس . ئەسىلدىلا ھەقىقەتكە بولغان ھىرىسمەنلىك ھىسىسياتى يوق  ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنشىنى ئادەت قىلمىغان ئەدىبلەر نېمە يېزىشىدىن قەتىئىنەزەر ھەقىقەت بىلەن مۇناسۋەتسىز ھالدا قايسى كۈچىنىڭ يىشىل چىرىقى يىقلسا نىشاننى شۇ ياققا بۇراپ ، ئاغىزىغا نېمە كەلسە، شۇنى يېزىپ ياشاپ كىتىۋىرىدۇ . ئەمما ، ھەقىقەتكە ھىرسىمەن ، ھەر ۋاقىىت ھەقىقەتنى تىپشىنىڭ، ئۇنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشنىڭ كويىدا بولغان ئەدبىلەر ھەقىقەتنى تاپقان ياكى يىڭىۋاشتىن تۇنۇغان چىغىدا ئىدىيىدە تامامەن ‹‹ قاسراق ›› تاشلاپ ، يىپيىڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . بۇ خلىدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن ھازىرچە مىنىڭ بىلىدىغانلىرىمدىن نېمى شېھىت ، ئابدۇرېىھىم ئۈتكۈر ، ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئمىن ، روزى سايىت قاتارلىقلار بار .   
             شائىر نېم شېھىت 1971-يىلى ئاۋغۇستا ئانا يۇرتى بايدا ئۆمىرىنىڭ ئاخىردا ناھايىتى قىيىن كۈنلەر باشتىن كەچۈرۋاتقان چاغلىرىدا ‹‹ پىقىرنىڭ ئىقرارى ›› ناملىق ئېسل شىئرىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى ھەقىقەتنى تامامەن خاتا چۈشىنپ كەلگەن پۇشايمىنى چوڭقۇر نادامەت بىلەن ئەكس ئەتتۇرگەن . 
          شائىر ئابدۇرېھىم ئۈتكۈر 1981-يىلى يىشى 58 گە ئۇلاشقاندا ‹‹ ھىدايەتنامە ›› ( يەنە بىر ئىسمى ‹‹ ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس ››) ناملىق نادىر شىئىرىنى ئىجاد قىلىپ ئەڭ تۈپ ھايات ھەقىقىتىنى خاتا چۈشىنىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى تەن ئالغان . شائىر بۇ بىر پۈتۈن شىئرىنى ‹‹ ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى ›› دىگەن مىسرا بىلەن ئاخىر لاشتۇرۇپ ، ئۈزىنىڭ ساماۋى ھەقىقەتنى يىڭباشتىن ، چىن مەنسى بىلەن تۇنۇپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن . ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن 1993-يىلى يىشنىڭ 60 قا تولغانلىقى مۇناسۋىتى بىلەن يازغان كاتتا ئەسىرى ‹‹ئۆمۈر تەلقىنلرى››دە ئۆزىنىڭ 60ياشتا مىتافىزىكىلىق  ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئارىف بولغانلىقىنى يەنى ئويغانغانلىقىنى ئىقىرار قىلغان . ئۇنىڭ ‹‹ ئارىف››لىقىنىڭ مەنسى تىخمۇ كەڭ ھەقىقەت مەزمۇنىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان . ئۇ ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىسىدە رۇشەن ھالدا ئويغانلىقىنى مۇناسۋىتى بىلەن تىخىمۇ مەنلىك قىلىپ ، ‹‹ 60 ياشتىمۇ غەپلەتتە قالغان كىشنى زىمىن لەرزىسى بىلەن تەقدىر زىلزىلىلرىمۇ ئويغىتالمايدۇ ›› داپ ئىيتقان .   
           شائىر روزى سايىت 1998-يىلى 55يىشىدا يازغان ‹‹ بىغشلىما ›› ناملىق شىئرىدا ئۆزىنىڭ رىئال دۇنياغا مۇناسۋەتلىك ھەقىقەتنى خاتا تۇنۇغانلىقىنى ھەم ئىلگىرىكى خاتا ئىجادىيەت مۇددىئاسى ھەققىدىكى پۇشايمانلىق ھىسىياتىنى ناھايىتى دادىل ھالدا مۇنداق ئىپادىلىگەن :  
  
     
قەلەمنى ھەر مۇقامغا يورغىلاتتىم ،مەيلىگە قويماي،    
تىرىقىىنى ‹‹تاغ››قىلىپ يازدىم ،غۇلاچىنى‹‹بىرئىلىك››قىلدىم    
تىخى ‹‹ئايغىر غۇنلاپتۇ ،-دىدىم،قۇملار چىچەكلەپتۇ..›› 
دىمەك ئىلھامنى يالغانىڭ چىراغىغا پىلىك قىلدىم . 
   
يىشىم ئەللكتىن ئاشقاندا ،دىدىم ،بەس !ھەقىنى سۆزلەيمەن، 
ئۆزۈمىنى زاتى مەنسۇردەك كۇلاھۇ –جەندىلىك قىلدىم .   
بىلڭلار ئۇشبۇ يازمامدىن  مىنىڭ ھالىمىنى ئوغلانلار 
كىتەرمەن بى ئەجەل مەيلى،ئاۋامىنى خەندەلىك قىلدىم!....
   

                دىمەك ،بىزنىڭ 20-ئەسىر ئەدەبىيات تارىخمىزدا ھەقىقەت ئۈستىدە قايتا ئويلىنش ،رىئاللىقىنى يىڭى باشتىن تۇنۇش ئارقىلىق ھەق –ناھەقىنى ئىنىق ئاڭقىرىغان ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت قارشىدىكى بۇ خىل رۇشەن ئۆزگىرىشىنى مەردانە ھالدا قەغەز يۈزىدە تەن ئالغان ئەدبلىرىمىز مىنڭ بىلشىمچە يوقىرقى تۆت زات . شەرقىنىڭ مۇتەپەككۇرى كۇڭرى ‹‹يىشىم ئاتمىشقا يەتكەندە ،باشقلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەق- ناھەق ئىكەنلىكىنى شۇئان ئاڭقىرۋالدىغان بولدۇم ›› دىگەن ئىكەن . بەلكىم ئاتمىش ياش ھەقىقەتنى تۇنۇش يىشى دەپ قارالسا كىرەك ،ياش ئاتمىش ياشقا ئۇلاشماي تۇرۇپ ھەقىقەتنى تۇنۇغىلى ، چوڭقۇر چۈشەنگلى بولمايدۇ دەپ كىسىپ ئيىتقىلىمۇ بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە .  چۈنكى ھەقىقەتنى تۇنۇش مەسىلىسى ھە دىگەندىلا ياشقا باغلىق بولىۋەرمەيدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر تارىخدا ياش ، قىران چاغلىرىدا ھەقىقەتنى ئاجايىپ ئىنىق تۇنۇغان ، چوڭقۇر چۈشەنگەن تالاي ئەدىبلەر ئۈتكەن .   
              ھەقىقەت دىگەن نېمە؟ دىگەن بۇ مەسىلىگە موتەپەككۇرلار مۇنداق ئۈچ جەھەتىن ئىنقلىما بىرشتى : ھەقىقەت-مۇقەررەر قانۇنىيەت. ھەقىقەت –لوگىكا .  ھەقىقەت –ئىنسانىيەت ئەقىل –پاراسىتنىڭ مەنبەسى . بۇ يەردىكى مۇقەررەر قانۇنىيەت  تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەردىكى مۇقەرەر قانۇنىيەتنى ،لوگىكا بولسا تەپەككۇرنىڭ لوگىكىلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ مەنبەسى ـ مەڭگۈلۈك ‹‹ساماۋى ئەقىل›› نى كۆرسىتىدۇ .بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا ، پىكىر چىن بولسا يەنى پىكىر بىلەن رىئاللىق بىردەك بولسا،مانا بۇ ھەقىقەت بولىدۇ.ئادەتتە چىنلىق ياخشىلىق ،گۈزەللىك ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە تەكىتلىنىدۇ . لوگىكا چىنلىقىنى ،سەنئەت گۈزەللىكىنى ،ئىتىكا ياخشىلىقىنى تۈپ مەخسەت قىلىدۇ .ھەقىقەت شوبىكتىىپنىڭ ئوبىكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى توغرا  ئىكاس قىلىشى بولۇپ ،سوبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپنىڭ ماسلىقى ،بىردەكلىكنى ئىپادىلەيدۇ . سەپسەتە ئوبىكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بۇرمىلانغان ئىنكاسى بولۇپ ،سوبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپنىڭ بىربىرىدىن يىراقلىشىشى  بۆلۈنۈشنى ئىپادىلەيدۇ . مۇئەييەن دائىردە ،مۇئەييەن ئوبىكتىپ شەيئىگە قارىتا ،ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت ،سەپسەتە ھامان سەپسەتە ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ماھىيەتلىك پەرىق بار. لىكىن، پەلسەپە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە بىر-بىرىگە تايىنىپ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى بىر-بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . ھەقىقەت بولمىسا ، سەپسەتە بولمايدۇ :سەپسەتە بولمىسا ھەقىقەتمۇ نامايەن بولمايدۇ .مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن«يوقلۇك بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى››دىگەن ئىدى .مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يالغاننىڭ مەنىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ھەقىقەتنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىشىمىز گە ياردەم بىرىدۇ . 
             20-ئەسر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا جەدىتچىلىك بايرىقنى كۆتۈرۈپ مىللىي ئۇيغىنىش  ھەرىكىتىنى قوزغىغان مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام 1910-يىللارنىڭ بېشىدە يازغان« نەسىھەتى ئامما›› ناملىق ئەسىرىدە «بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس . ئۇيغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر !  جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلم –مەرىپەت دەۋرىدۇر .باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسىدا ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا ،سۇ  ئاستىدا بولسا  خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۆزۈشمەكتە . بىز تېخى غەپلەت ئۇيقىسىدا ياتماقتىمىز . ئۇيقۇ  ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ ھالەتتە دائىم  ئۇخلىماق يوقۇلۇش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر !ھېلىھەم  ۋاقىت ھەم پۇرسەت بار  ! ››دەپ چۇقان سالغان . ئۆزىنى « كۆكتە يۇلتۇزلار يانار ، يەردە پەقەت شائىر يانار ...››دەپ خارەكتىرلىگەن  ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مۇ 1930- يىللىرىنڭ بېشىدا  يازغان بىر شېئىردا نادانلىقىمىزنى  ،بىپەرۋالىقىمىزغا قاتتىق ئېچىنىپ :


كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلسەن،   
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.    
‹‹خەپ››دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر ، 
شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن !  


دەپ كىسىپ ئىيىتقان . بىز ئابدۇقادىر داموللام بىلەن ئابدۇخاللىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىتابلىرىدكى ئەكس ئەتكەن تارىخى ھەقىقەتكەن گۇمان بىلەن قارىيالايمىزمۇ ؟ ئەقىل كۆزى رۇشەن بۇ ئىككى ئەدىبىڭ دانا ھۆكىمى ئىجتىمائى رىئاللىق ئۆزئىچىگە ئالغان مۇقەرەر يۈزلىنىشنى چۇڭقۇر كۆزتىش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىق يەكۇنلەنگەن لوگىكىلىق تەپەككۇرى ئەمەسىمۇ ؟ ئۇلار نېمە ئۆچۈن زامنداشلىرىغا قارىغاندا شۇنچە چۇڭقۇر ھەم دانا ئويىلىيالىغان ؟ بۇ يەردىكى رۇشەن سەۋەب شۇكى : ئۇلار ئۆزلىرىنى مەۋجۇد كىرىزسىنىڭ ئالدىغان قۇيۇپ ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ ۋە چوڭقۇر چۆشىنىپ تەپەككۇر قىلغاچقا ھەقىقەت ھىساپلىنىدىغان پىكىرىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيالىغان ، كىرزىس ئىڭى يوق بولغان ئادەمىنىڭ ھەقىقەت بىلەن بولغان ئارلىقى تولىمۇ يىراق بولغان بولىدۇ .   
              بىلىشمىز كىرەككى ، ساماۋى ھەقىقەتتىن تاشقىرى ھەر قانداق ھەقىقەت مۇتلەق بولمايدۇ . شۇڭا ، ھەربىر شەخس ، ھەربىر قۇۋىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرىگە ، ئىجتىمائى ئەھۋالىغا يارىشا تۈرلۈك غايە مەقسەتلىرى بولىدۇ . شۇڭا غايە مەقسەت ئۇلارنىڭ نەزىردىكى ھەقىقەت مەشئىلىگە تۇتاشقان بولىدۇ ، بۇ ھەقىقەت مەشئىلىنى ھەر بىر كىشىنىڭ پەرىق ئىيتىش ئىقتىدارى ، چۈشنىش قابىليىتى ئوخشاش بولمايدۇ . بۇنىڭغا تۇتقان پۇزتىسىيەسىمۇ ھەرخىل بولىدۇ . ھەقىقەت مەشئىلىنى دەس كۆتۈرۈپ ئۆز خەلىقىنىڭ ھايات يولىغا نۇرانە سايە چۆشۈرۈپ ياشاش يولىدا كۆرەش قىلدىغانلارمۇ بولىدۇ . ھەقىقەت مەشئىلىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەلەكچىلىكىدە ئۆمۈر بۇيى بىر جاۋۇر يۇندىنى كۆتۈرۈپ يۇرىدىغان ناكەسلەرمۇ بولىدۇ .ھەقىقەت دىگەن نېمە ؟ سەپسەتە دىگەن نېمە ؟ پەرۋايى پەلەك ھالدا بىر ئاشقازىنىڭ غېىمىنى يەيدىغان ،ئارستوتېىل ئېيتقاندەك ئۆچۈن ئەمەس ، يىيىش ئۆچۈن ياشايدىغان ئەرزىمەس كىشلەرمۇ بولىدۇ . 

              ئەگەر چىن مەنسى بىلەن چۆشىندىغان بولسا ، ئەدىبلەر ھەرگىز ئادەتتىكى كىشلەر ئەمەس ، ئەگەر ئەدىبلەر ئەدىبلكىنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلمەي ئابرۇي- مەنپەئەت دەپ چۆشىندىغان بولسا ، تۈپتىن خاتالاشقان بولىدۇ . ئۇنتۇماسلىق كىرەككى ، مۇئەييەن دەۋىردىكى ئەدىبلەر ئۆزمىللىتنىڭ رۇھى دۇنياسىنى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ نۇرانە شۇلىسى بىلەن يۇرتۇش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ . ئۇلار خەلىقنىڭ يادىرۇلۇق مەنپەئەتى ۋە تۈپ قىممەت قارىشىنى چۈشەنگەن ، نۆۋەتتىكى مىللى ئىھتىياجىنى ئۆزىنىڭ مەقسەت –مۇدىئاسىغا ئايلاندۇرغان ، ئۆز مەسئۇليىتىنى ئىنق تۇنۇغان ، بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلشىتىن ھەرگىز باش تارتمايدىغان بولۇشى كېرەك . ھەر بىر دەۋىرنىڭ ، ھەربىر جەمىئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرى بولىدۇ ، ئەدىبلەر دەۋىرنىڭ ماھىيتىنى ئىنىق تۇنۇشى ، جەمىئيەتنىڭ تومۇرىنى ماھىرلىق بىلەن تۇتۇشى لازىم ، ئەدىبلەردە دەۋرىنىڭ ماھىيىتنى ئىنىق تۇنيدىغان ئۆتكۈر دىت ، جەمىئىيەت تومۇرىنى تۇتۇش جەھەتتىكى ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بولمايدىكەن ، ئەل قەلىبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدكى دەۋەتنى ھەرگىز ھىس قىلالمايدۇ ، ئانا خەلىقىنىڭ قەلبىدىكى بىلنەر –بىلىنمەس پىچىرلاشلىرى ئاڭلاشقا قادىر بولالمىغان ئەدىب ، ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتىنى مەڭگۈ قىممەتكە ئىگە قىلالمايدۇ . ئۇنداق ئەدىب ئەرزىمەس كويلاردا سوكولداپ ، سورۇن-سەھنىلەردە كاپىلداپ ، قۇرۇق شۆھىرەت غىرىبى بولۇپ ئۆزگىنىمۇ –ئۆزگىلەرنىمۇ ئالداپ ئۆتىۋىرىدۇ ، ئاخىرقى ھىساپتا تارىخ تەرىپدىن سۈپۈرۈپ تاشلىندىغان ئەخلەت ئەدىبلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ خالاس. 
   
             ھەققى ئەدىب ھەقىقەتكە ئېتقاد قىلش ،ھەقىقەتنى ئىزدەش ، ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتتە ئاۋانگارتلىق رۇھىغا ئىگە بولىدۇ ، ھەقىقەت ئىزدەش رۇھى توق ئەدىب كىتابخانلارنى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۇرىدۇ ، مەن بۇنداق ئەدىبلەرنى ‹‹ ئەخلەت ئەدىبلەر ›› دەپ ئاتاشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن . ھەقىقەتنى سەپسەتە بىلەن بىر تەكيگە باش قۇيغۇزۇش مەقسىتىدە نىكاھ ئوقۇپ يۈرگەن ئەدىبلەرنى بولسا ، ‹‹ئەخمەق ئەدىبلەر ›› دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئەدىب مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقەتنى خالىغان باھادا سىتىپ خەجلەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن ‹‹ ھايانكەش ›› ئەدىبلەردىن ئەۋزەلرەك. چۈنكى ئۇ ئىككى خىل ئەدىب ھامىنى ھەقىقەت يولىدا تىز پۈكۈپ پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈشى ئىھتىمال . ئەمما ،‹‹ ھەققەت ھايانكەشلىرى››نى قۇتقۇزۇش بەسى مۈشكۈل 

              مەن نەزىرىنى ھەقىقەتكە تىككەن ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن ،ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلدىغان ،مۇئەييەن ھەقىقەت قارىشغا ئىگە، ھەقىقەتنى  سۆيىدىغان ، ھەقىقەتنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولسىمۇ چۈشەنگەن . ئۇنى ئىپادىلەشكە ئۆزىنى ئاتىغان ئەدىبلەرنى دادىل پىكىرلك ئەدىبلەر، دانا پىكىرلىك  دەپ ئىككى خىلغا ئايرىپ چۈشىنىپ باقتىم . دادىل پىكىرلىك ئەدىبلەر ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتىكى جەسۇرلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلىبىنى سۆيۈندىرىدۇ . ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى چوڭقر بولىمىسىمۇ ، پىكىرلىرنىڭ دادىللىقى بىلەن ئەزىمەت ئەدىبلەردىن ھىساپلىندۇ ، ئۇلاردا مۇتەپەككۇرلارغا خاس دانا پىكىر ، چوڭقۇر بىلىم ، ئىلىمى قاراش ، مۇكەممەل ئىدىيە بولمىسىمۇ ، خەلىقىنىڭ كۆڭلىدىكىنى دىيەلەيدىغان ئەزىمەتلەرگە خاس يارقىن خاسلىق بار . قاراشلىرى بىلەن زامانداشلىرىنى ئەقىلىنى  ئويغىتالمىسمۇ ، مەردانە چۇقان-ساداللىرى بىلەن زامانداشلىرنىڭ قەلىبىن ھاياجانلاندۇرۇپ ھسىياتىنى ئۇرغۇتالايدۇ ، ھەقىقەتنى سۆيۈش ، ھەقىقەت ئۆچۈن كۈرەش قىلش جەھەتىكى پىداكارلىقى بىلەن ئۇلار گاھىدا كشىنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە ئاجايىپ كۈچلۈك بولۇپ كىتىدۇ . گاھىدا كىشنىڭ ئىچى ئاغىرىغۇدەك دەرىجىدە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ . ئەمما ،ھەرگىز شەرمەندە ئورۇنغا چۈشۈپ قالمايدۇ . بىر قوۋمىنىڭ يادرۇسىنى تەشكىل قىلغۇچى زىيالىيلار توپىغا ھاياتى كۈچ بېغشلايدىغان ئېنرگىيەنى دانا پىكىرلىك ، چوڭقۇر بىلىمىك موستەقىل ئىدىيىگە ئىگە موتەپەككۇر ئەدىبلەر يەتكۈزۈپ بىرىدۇ ، بۇ خىل ئەدىبلەر ناھايىتى ساناقىلىق بولىدۇ . ئۇلار پىكىر ، ئىدىيەلىرىنى بىر قوۋمىنىڭ ئۈگە-ئگىلىرىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ . بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى ‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ قىممىتى ئارىدىن مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئىچ –ئىچىمىزدىن قايىل بولغان ھالدا تەن ئالماقتىمىز ، ئۇنىڭ قەۋەت-قەۋەتلىرىگە سىڭگەن تەپەككۇر دۇردانلىرى بىلەن ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى كۆز ئالدىمدا بىر مۇكەممەل ئىدېئال جەمىئىيەتنىڭ مودىلىنى نامايەن قىلماقتا . ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇتەپەككۇر ئەدىب بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا  پارلاق ماياكتەك يىنىپ ، مىللەت ئەزالىرىنى كىلەچەكتە دۇچ كىلدىغان ئاپەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۇلار تىرشسا ئىرشەلەيىدىغان ئامەتلەردىن بىشارەت بىرەلەيدۇ . ئۇلار بۇ خىل رۇھى ۋە سالاھىتى بىلەن مىللەتنىڭ مەنىۋى داھىيلىرىغا ئايلىنىدۇ .    
           مىنڭچە دادىل پىكىرلىك ئەزىمەت ئەدىبلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىرلىك مۇتەپەككۇر ئەدىبلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىردە پۇشايمانلىق ھىسياتىدا ئۆكۈنۈپ ئەسەر يېزىشى ئاز كۆرۈلسە كېرەك . سەۋەبى ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى يىراق –يىراقلاردا چاقناۋاتقان ھەقىقەت يۇلتۇزلىرىغا ئاداشماي تىكىلگەن ، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ دەستىسىنى باشتىن- ئاخىرى  بوشاشماي مەھكەم تۇتقان بولىدۇ . ئادەتتە بىز ھەقىقەتنى تۇنۇش باشقا مەسىلە ، بىلىم سەۋىيەسى بىلەن تەپەككۇر قابىليىتى باشقا مەسىلە دەپ چۈشنىمىز ، مۇشۇ مەندىن ئىيتقاندا ، ئەدىبلىرىمىز نېمە ئۆچۈن پۇشايمان قىلىدۇ ، دىگەن مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى چۈشىنشكە مەلۇم دەرىجىدە يىقنلاشقلى بولىدۇ ، دەپ قارايمەن . ئادەتتە ، بىلىم قۇرۇلمسى مۇكەممەل ، ئەمما ھەقىقەت ھەققىدىكى تۇنۇشى مۇجمەل ئالىم –ئەدىبلەر ھەممە دەۋىردە ، ھەممىلا جايدا ئۇچرايدۇ . بىز ماقاللىمىزنىڭ باش تېمىسىنى ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ئەدىبلەرنىڭ بىلىم –ماھارىتى بىلەن ھەقىقەتنى بىلش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسۋەتتە نەزەر سالساقمۇ ، مۇئەييەن بىلىم –ماھارەت ھازىرلىغان ، ئەمما ھەقىقەتىن يىراق ئەدىبلەرنى خىلى كۆپ كۆرىمىز . بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى :: يېزىقچلىق ئالدى بىلەن بىر خىل ماھارەت ، نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتى بولمىسىمۇ ، مۇتەپەككۇرلۇق سالاھىيتى ھازىرلانمىغاچقا ‹‹ سۆز ۋادىسىدا ئىزىقىپ يۈرگۈچىلەر ›› قارارىدا كولدۇرلاپ يۈرىۋىرىدۇ . يەنە بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭ مۇئەييەن بىلىم قۇرۇلمىسى بولسىمۇ ، بىلشى مەقسىدى ئايدىڭ بولمىغاچقا ، يەنى كىم ئۆچۈن يېزىش ، نېمە ئۆچۈن يېزىش چۈشەنچىسى ئايدىڭ بولمىغاچقا ھەر مۇقامغا يۇرغىلاپ ئاخىرقى ھىستاپتا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىدۇ ، شۇڭا بىر كىشىدە بىلىم ۋە ماھارەتنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ھەقىقەتنى تۇنىغانلىقىغا باراۋەر دەپ چۆشىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ . 

ئاپتۇرى: ئوبزۇرچى.  شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتنىڭ مۇھەررىر ,   
مەنبە- شىنجاڭ مەدەنيىتنىڭ 2010-يىللىق 6- سانى
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315