ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەن جاۋابكارلارغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-10 13:11

  بۇخەلچەم ئابلىز

    ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەن جاۋابكارلارغا كەڭچىلىك بىلەن جازا بېرىش – بەرمەسلىكنى ئۇنىڭ جىنايى پاكىتى، خاراكتېرى، دەرىجىسى، خەۋپلىك ئاقىۋىتى، ئىجتىمائىي تەسىرى، سۇبيېكتىپ رەزىللىكى ۋە جىسمانىي خەۋپى قاتارلىقلارغا قاراپ ئويلىشىش كېرەك. ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسا، دېلو مەلۇم قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى، ئىقرارىنىڭ ۋاقتىدا ۋە مۇقىم بولغان – بولمىغانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. خىزمەت كۆرسەتكەن بولسا، پاش قىلغان جىنايەتنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى، پاش قىلىنغۇچىغا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان ياكى بېرىلگەن جىنايى جازا، يىپ ئۇچىنىڭ دېلونى پاش قىلىشتا ياكى باشقا جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇشتا ئوينىغان رولىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى قاتارلىقلارنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.

   ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش تەرەپلىرى بولغانلارغا ئومۇمەن قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىش كېرەك؛ جىنايى قىلمىشى يېنىكرەكلىرىنىڭ جازاسى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. ئوخشاش ئەھۋالدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش تەرىپى بولغان جاۋابكارغا كەڭچىلىك قىلىش دائىرىسى خىزمەت كۆرسىتىش تەرىپى بولغان جاۋابكارغا قارىغاندا كەڭرەك بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش تەرىپى بولسىمۇ، جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا، سۇبيېكتىپ جەھەتتە رەزىللەرگە، جىسمانىي خەۋپى زور بولغانلارغا ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇنلا قانۇندىن، جازادىن باش تارتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا، خىزمەت كۆرسىتىشكە تەييارلىنىپ بولغانلارغا كەڭچىلىك بىلەن جازا بېرىلمىسىمۇ بولىدۇ. جاۋابكارلاردىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەن تەرىپى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزۈش، زەھەرگە دائىر جىنايەتنى قايتا ئۆتكۈزۈش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر جازالاش تەرىپى بولغانلارغا، ھەم ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، خىزمەت كۆرسىتىشتىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى، ھەم ئۇنىڭ سۇبيېكتىپ رەزىللىكى، جىسمانىي خەۋپى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ، ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن جازالاش ياكى قاتتىق جازالاشنى بېكىتىش كېرەك.

   ئورتاق جىنايەت دېلولىرىدىكى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، خىزمەت كۆرسىتىش تەرەپلىرى بولغان جاۋابكارلارغا جازا بېرىشتە، ئورتاق جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرگە ئۆلچەيدىغان جازا بىلەن باش جىنايەتچى، ئاساسىي جىنايەتچى، ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەرگە ئۆلچەيدىغان جازانى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىكى باش جىنايەتچىلەر، ئورتاق جىنايەتتىكى ئاساسىي جىنايەتچىلەردىن شۇ دېلودا ئورنى، رولى ئۆزىدىن تۆۋەن جىنايەتچىنى پاش قىلغانلىرى ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنىغا تۇتۇشۇپ بەرگەنلىرىگە كەڭچىلىك بىلەن جازا بېرىش – بەرمەسلىكنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك. ئۇلارغا يېنىك جازا بېرىلسە، پۈتۈن دېلودا ئۆلچەيدىغان جازا تەڭپۇڭ بولماسلىق ئېھتىمالى بولغاندا، ئومۇمەن يېنىك جازا بەرمەسلىك كېرەك؛ پاش قىلغىنى ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنىغا تۇتۇشۇپ بەرگىنى باشقا دېلودىكى جىنايىتى ئوخشاش ئېغىر جىنايەتچى بولسا، كەڭچىلىك بىلەن جازالاش كېرەك. جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئادەتتىكى ئەزالىرىغا، ئورتاق جىنايەتتىكى ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەردىن خىزمەت كۆرسەتكەنلىرىگە، بولۇپمۇ باش جىنايەتچى، ئاساسىي جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشۇپ بەرگەنلىرىگە سىياسەتنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن جازا بېرىش كېرەك.
  
( مۇھەررىر : ئامانگۈل ) 
مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315