تۈرمە خەلق ساقچىلىرى قايسى ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-10 12:59

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى» — جىنايى جازانى توغرا ئىجرا قىلىش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش ۋە ئۆزگەرتىش، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك قانۇن.

تۈرمە — دۆلەتنىڭ جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ئورگىنىدۇر.

تۈرمە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تۈرمە باشقۇرۇش، جازا ئىجرا قىلىش، جىنايەتچىلەرگە تەربىيە بېرىش، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش پائالىيەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بولۇپ، تۈرمىنىڭ جازا ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق بولغان–بولمىغانلىقى، جىنايەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت–ھۆرمىتى ھاقارەتكە ئۇچرىغان- ئۇچرىمىغانلىقى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى، قانۇنلۇق مال–مۈلكى ۋە ئاقلىنىش، ئەرز بېرىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە مەھرۇم قىلىنمىغان ياكى چەكلەنمىگەن باشقا ھوقۇقلىرى ئۈستىدىن خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ئېلىپ بارىدۇ.

شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنىڭمۇ قانۇن، نىزام ۋە تۈرمىنىڭ قائىدە–ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى، تەربىيەنى قوبۇل قىلىشى، ئەمگەككە قاتنىشىشى شەرت قىلىنىدۇ. تۈرمە خەلق ساقچىلىرىنىڭمۇ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، خىزمەت ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، پاك–دىيانەتلىك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، تۈرمە خەلق ساقچىلىرى قايسى خىلدىكى ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك؟

تۈرمە خەلق ساقچىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك:

(1) جىنايەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ مال–مۈلۈكلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىش، قوبۇل قىلىش، ئىگىلىۋېلىش؛

(2) جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ بېرىش ياكى خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەتچىلەرنىڭ قېچىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش؛

(3) جىنايەتچىلەرنى قىيناپ سوراق قىلىش، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئۇلارنى خورلاش؛

(4) جىنايەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت–ھۆرمىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش؛

(5) جىنايەتچىلەرنى ئۇرۇش ياكى باشقىلارنى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش؛

(6) شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ جىنايەتچىلەرنى ئەمگەككە سېلىش؛

(7) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ جىنايەتچىلەرگە خەت–چەك ياكى ماددىي بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىش؛

(8) جىنايەتچىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش؛

(9) قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر.

تۈرمە خەلق ساقچىلىرىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.


  

يانفۇندا كۆرۈش
    315