ئوقۇغۇچىلارنى ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان ئەر 14 يىللىق كېسىلدى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-10 12:55

بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن خۇبېيلىق جاڭ 2007 -يىلى ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشى تۈپەيلى 2 يىللىق كېسىلگەن ئىدى. 2009- يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن گۇناھىغا تۆۋە قىلماقتا يوق يەنە شۇ يولغا مېڭىپ، قىز دوستى، ئىنسى ۋە بىر قىسىم جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى بىلەن بىرلىشىپ گۇرۇھ قۇرۇپ، شايكىلىرىنى مۇھەببەتلىشىش نامى بىلەن ئىش كۆرمىگەن قىزلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن  كىيىن ئۇلارنى قورقۇتۇش، دۇمبالاش، قىسماققا ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلاشقا سالغان. يېقىندا فەنوۋ سوت مەھكىمىسى مەجبۇرى ئىپپىتىنى سېتىش جىنايىتى بىلەن ياڭغا مۇددەتلىك 14 يىل6 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن ۋە 4 يىل سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، 30 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.

تەكشۈرۈپ ئىگىلىنىشچە 2010- يىلى 7- ئايدىن 12- ئايغىچە جاڭ جىنايەت مۇددىتى توشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي شايكىلىرىنى يىغىپ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى شياۋ فېن، شىياۋ لىڭ، شياۋ خۇا، شياۋ لى (ھەممىسى ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى)قاتارلىقلارنى فەنوۋ رايونىغا ئالداپ ئاپىرىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇش، دۇمبالاش، قىسماققا ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ فەنوۋ رايونى، داگاڭ بازىرى، زېڭچېڭ شەھىرى ۋە فوشەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئىپپەت-نۇمۇسنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جىنايەت شايكىلىرىنىڭ ساۋاقداشمۇ بار بولۇپ،ھەتتا بەزىلىرى تور ئارقىلىق ئالداپ كەلگەنلەرمۇ بار ئىكەن.
سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق ياڭ باشچىلىقىدىكى جىنايەتچىلەر قىزلارغا زورلۇق ئىشلىتىپ، ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، مەجبۇرى نۇمۇسنى ساتقۇزۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قارىغان ۋە جىنايى مۇددىتى توشۇپ بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئېغىر جازا بېرىلىشى كېرەك دەپ قاراپ يۇقىرقىدەك ھۆكۈمنى چىقارغان.
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315