نىكاھتىن ئاجراشقاندا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئورتاق مال–مۈلۈك قاتارىدا بۆلۈشۈشكە بولامدۇ؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-10 12:45

 ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «نىكاھ قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى(2)»نىڭ 11–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ئېرىشكەن ياكى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان تۇرالغۇ ياردەم پۇلى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى نىكاھ قانۇنىنىڭ 17–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىنىدىغان باشقا مال–مۈلۈك»كە كىرىدۇ. شۇڭا تۇرالغۇ جامائەت فوندى نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال – مۈلۈك قاتارىدا ئەر – خوتۇننىڭ ئورتاق مال–مۈلكىگە كىرىدۇ، نىكاھتىن ئاجراشقاندا بۆلۈشۈشكە بولىدۇ. بىراق «تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 5–، 24–ماددىلىرىدا: تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي سېلىش، رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئىشچى–خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي فوندى ئىسچوتىدىكى ئامانەت پۇلىنى ئالسا بولىدۇ: (1) ئۆزىگە تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالسا، ئۆي سالسا، رېمونت قىلسا؛ (2) دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىقسا؛ (3) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغان ھەمدە ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولسا (4) چەت ئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالسا؛ (5) ئۆي سېتىۋالغان قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرىدىغان بولسا؛ (6) ئۆي ئىجارە ھەققى ئائىلىنىڭ مائاش كىرىمى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا.

شۇڭا ئەر–خوتۇننىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى تۇرالغۇ فوندىنى ئېلىش ئەھۋالىغا كىرمەيدۇ، ئەر–خوتۇننىڭ ئاجرىشىشنى باھانە قىلىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى بۆلۈشۈشتە مۇنداق ئۇسۇل قوللىنىلسا بولىدۇ: 1. باشقا مال–مۈلۈكنى ئۇنىڭغا سۇندۇرۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىغا تەگمىسىمۇ بولىدىغان بولسا، ئىمكان بار تەگمەسلىك، يەنى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئەسلىي ئىسچوتتىن، ئەسلىي ئىگىدارنىڭ نامىدىن يۆتكىمەسلىك. ئەسلىي ئىگىدار (جامائەت فوندىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى) ھۆكۈم بويىچە تۆلەيدىغان جامائەت فوندىنى باشقا مال–مۈلۈكلەر ئارقىلىق تۆلەش. 2. پۇلغا سۇندۇرىدىغان مال–مۈلكى بولمىسا، بىر تەرەپنىڭ ئىسچوتىدىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى بۆلۈپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش تارمىقىدىن باشقا ئىسچوت ئېچىشنى تەلەپ قىلىش.

مۇشۇنداق قىلغاندا ھەم تۇرالغۇ جامائەت فوندى باشقۇرۇش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگىمۇ خىلاپ كەلمەيدۇ، ھەم ئەر–خوتۇننىڭ نىكاھتىن ئاجراشقاندىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى بۆلۈشۈش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315