كۆيەلەيسەن،سۆيەلمەيسەنا!

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-03 17:12
كۆيەلەيسەن،سۆيەلمەيسەنا!

(ناخشا تېكىستى)

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

ئۇچتى يىراق سۆيگۈ قۇشلىرى،
ساڭا ھەمرا ياشلىق چۈشلىرى،
ئۆز يولىدا جاھان ئىشلىرى،
كۆيەلەيسەن،سۆيەلمەيسەنا!

ئابى چەشمە كۆزلەر تېنەيدۇ،
گىلاس رەڭگى لەۋلەر كۈلمەيدۇ،
كىمدۇر يەنە بەخىت تىلەيدۇ،
كۆيەلەيسەن،سۆيەلمەيسەنا!

قىسقا ئەجەپ بۇ ياشلىق باھار،
  چۈشەر ئاستا باشلىرىڭغا قار،
سۆيگۈ شېرىن،سېنىڭ ھەققىڭ بار
كۆيەلەيسەن،سۆيەلمەيسەنا!
 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315