ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ئىجازەت بېرىلدى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-03 17:10
بەلكىم ئىزدىنىشتىكى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ خەۋىرى بولۇشى مۇمكىن. 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى باغداش مۇنبىرىدە "ئانا تىليەسلىسى قۇرۇش يولىدا" ناملىق بىر يازما ئېلان قىلىندى. بۇ يازما تور نامى "قانۇنى يول" بولغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ تۆت ياشقا كىرىپ قالغان قىزىنى يەسلىگە بەرمەكچى بولۇپ، بىرمۇ قوش تىللىق بولمىغان يەسلى تاپالماي، ئاخىرى شۇنداق بىريەسلىنى ئۆزۈملا قۇرمايمەنمۇ دەپ يولغا چىققانلىقى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يازمائېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۈگۈنگەقەدەر زىيارەت قېتىم سانى 700 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ (300 مىڭدىن ئاشقاندا باغداش مۇنبىرىنىڭ سانىغۇچىسى بىر قېتىم چېكىلسە ئۈچنى سانايدىغان بولۇپ قېلىپ، 500 مىڭغابارغاندا ئوڭشالدى. ئارىلىقتىكى 200 مىڭنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ 500 مىڭدىن ئاشىدۇ)،ئۇيغۇر تور تارىخىدا رېكورت يارىتىلدى. مېنىڭچە كىشىلەرنىڭ بۇ يازمىغا بولغانقىزىقىشى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە بولغانئەندىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يازما ئىگىسى ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىداباسقان ھەر بىر قەدىمىنى نەق مەيدان خاتىرىسى سۈپىتىدە يوللاپ تۇردى. ھۆكۈمەتتارماقلىرىغا بېرىپ ئىش بىجىرىش داۋامىدا ئىزچىل ئادەمنى تېرىكتۈرىدىغان،زېرىكتۈرىدىغان، ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغان، ھەتتا ھاقارەت ھېس قىلدۇرىدىغانكەچۈرمىشلەرگە يولۇقۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما تەمكىنلىك بىلەن تېمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. 2013- يىلى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى باغداش مۇنبىرىدىكىلەر بىخەتەرلىكنىئويلىشىپ، تېمىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغانقىلىپ قۇلۇپلاپ قويدى. يازما ئىگىسىنىڭ رەسمىيەت ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولماي، ئېغىرتوسالغۇغا دۇچ كەلگەن ئىدى. كېيىن بۇ گەپلەر "بالىلارنى دەپ يول ئالدۇق (ئاناتىل يەسلىسىنىڭ داۋامى)"ناملىق باشقا بىر تېمىدا داۋاملاشتى. بەخىتكەيارىشا، 2- ئاينىڭ 8- كۈنى (كېيىنكى تېمىنىڭ 58- بېتىدىن باشلاپ) ۋەزىيەتتەئۆزگىرىش بولدى. بىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر"قانۇنىي يول" ئەپەندىنى چاقىرتىپ، يىغىن ئېچىپ، ئۇ ئىلتىماس قىلغان ئانا تىل يەسلىسىنى، ھەتتا ئۇلار قۇرماقچى بولغان ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىمۇ تەستىقلاشقا ماسلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن "قانۇنىي يول"ئەپەندىنىڭ بەش ئايغا سوزۇلغان ئانا تىل يەسلىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى قۇرۇشپىلانى دەسلەپكى قەدەمدە ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولدى. بۇ "قانۇنى يول" ئەپەندى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن باشقاتۇرۇۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈنمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇيازمىنى يوللىدىم. "مائارىپ بەكلا مۇھىم بولغانلىقتىن، ئۇنى مائارىپچىلارغىلاتاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ" غانلىقى ئۈچۈن، قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشلارغا ئازتولا دىققەت ئېتىبارىنى ئاغدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە: ئىزدىنىش تورىدىن ھىچقانداق ئىش قۇشۇلماي چاپلاندى   

يانفۇندا كۆرۈش
    315