بىر باي 20 ياشلىق قىزنى خوتۇنلۇققا ئاپتۇ نەتىجىدە..

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 18:20

 بىر 40 نەچچە ياشلىق مىليادىر ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، يىگىرمە نەچچە ياشلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئەمرىگە ئاپتۇ، ھەمدە ھەر ئايدا يۈزمىڭ يۈەن خەجلەشكە بېرىپتۇ، بۇ قىز بىر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ دېرىكتورىنى تونۇيدىكەن، شۇنىڭ نەسىھىتى بىلەن بىر مىليون يۈەنلىك سۇغۇرتا ئاپتۇ.

مىليادىر بىر قېتىملىق سودىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپتۇ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئايالىغا:« مەن ۋەيران بولدۇم، سېنى بېقىشقا ئامالسىزمەن، سېنىڭ ماشىناڭنىمۇ قەرزگە تۇتۇپ بەردىم، سەن باشقىلارنى تاپقىن بولدى» دەپتۇ. ئايالى سوراپتۇ:« سىز مېنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟»
ئۇ :« مېنىڭ ھازىر سېنى سۆيۈشكە سالايىھىتىم توشمايدۇ» دەپتۇ، ئايالى:« مەن بىر مىليون يۈەنلىك سۇغۇرتا ئالغان ئىدىم، ئۇنى توڭلاتقىلى بولمايدىكەن، قەرزگە تۇتۇپ بەرگىلىمۇ بولمايدىكەن، جىددىي لازىم بولغاندا، بىز بۇ پۇل بىلەن قەرز ئېلىپ يەنە يېڭىدىن باشلىساق بولىدىكەن، بىز ئەتىلا بېجىرەيلى»
شۇنداق قىلىپ بۇ باي قەرز ئالغان بىر مىليون بىلەن قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە 5 مىليارد تېپىپتۇ. بۇ باي ئۆزىنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسىنى تىلغا ئالغاندا:« مېنىڭ بىر ئەخمەق ئايالىم بار، مېنىڭ ئەسلىدە ئىككى سېۋەت تۇخۇمۇم بار ئىدى، مېنىڭ ئەخمەق ئايالىم كۈندە ئىككىنى ئېلىپ باشقا يەرگە قويۇپ قويدى، تۇيۇقسىز بىر كۈنى مېنىڭ بۇ ئىككى سېۋەت تۇخۇمۇمنىڭ ھەممىسى چېقىلىپ كەتتى، ئۇ كۈندە تىقىپ قويغان تۇخۇملار بىلەن مېنىڭ يەنە ئىككى سېۋەت تۇخۇم قىلىشىمغا ياردەملەشتى» دەپتۇ.
سىزمۇ شۇنداق «ئەخمەق» ئايالمۇ؟ يىگىت، سىزمۇ مۇشۇنداق «ئەخمەق» ئايالىم بولسىكەن دەمسىز؟
بىز تۆۋەندىكى ھېكايىنى كۆرۈپ باقايلى.
 
bay.jpg
 
توشقان غارنىڭ ئالدىدا ماقالە يېزىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۆرە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:« سەن نېمە مەزمۇندا يېزىۋاتىسەن؟» توشقان دەپتۇ:« توشقان قانداق قىلىپ بۆرىنى يەۋەتتى؟».
بۆرە ئىشەنمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توشقان بۆرىنى غارغا باشلاپ كىرىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، توشقان يالغۇز غاردىن چىقىپتۇ، يەنە ماقالە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
ياۋا توڭگۇز كېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:« سەن نېمە يېزىۋاتىسەن؟» توشقان:« توشقان قانداق قىلىپ ياۋا توڭگۇزنى يەۋەتتى؟» ياۋا توڭگۇز ئىشەنمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توشقان ياۋا توڭگۇزنى غارغا باشلاپ كىرىپتۇ.
ئاخىرىدا، غاردا، بىر شىر بىر دۆۋە بۆرە ۋە ياۋا توڭگۇزنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا رازىمەنلىك بىلەن چىشىنى كوچىلاپ ئولتۇرۇپ توشقاننىڭ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ماقالىسى- « خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىدارلىق ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ خوجايىنىغا باغلىق» نى ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ.
خۇلاسە:
بىر ئادەم سىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىڭىز مۇھىم ئەمەس كىم بىلەن قىلىۋاتقىنىڭىز مۇھىم؛ سىزنىڭ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىڭىز مۇھىم ئەمەس، سىز تۇرغان سەھنىنىڭ قانچىلىكلىكى مۇھىم. ھاياتتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى تاللاش. تاللىشىڭىز خاتا بولسا، قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ بىكار. توغرا تاللىماقچى بولىدىكەسىز، سىز چوقۇم سىز تۇرۇۋاتقان سەھنە ۋە خوجايىننى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315