توردا تۇنۇشۇپ ئۇچۇرشىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 18:12

ماقالە تېمىسى : ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى توردا تۇنىشىشتىن كېلىپ چىققان يەتتە ئېچىنىشلىق دېلونى ئېلان قىلدى.

ياڭگۇاڭ تورى خەۋىرى.ياڭگۇاڭ تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن يەتتە پارچە ئۈلگىلىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ ، بۇ دېلو مىساللىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا توردا مال -مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ،توردا قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ،توردا تونۇشقان دوستى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ،باشقىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ،بۇلاڭچىلىققا ئۇچراش ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش قاتارلىق جىنايى ئىشلارغا چېتىلىدىكەن .ساقچى تەرەپ ئەسكەرتىش بېرىپ ، ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ،بولۇپمۇ قىزلارنىڭ توردا پاراڭلاشقاندا ۋە دوست تۇتقاندا سەگەك بولۇشنى ئېيتتى .


ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان دېلو ئەھۋالىدىن مەلۇم بۇلىشىچە ،يېقىندا ئۈندىدارنىڭ “摇一摇”دېيىلىدىغان يەنى تېلېفوننى يېنىك پۇلاڭلىتىش ئارقىلىق باشقىلار بىلەن تونۇشۇش ئىقتىدارى بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم ۋاستىسى بۇلۇپ قالغان .2013-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 15 ياشلىق بىر قىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇلۇپ قالغان .

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :‹شىياۋ كې ئىسىملىك بىر ياش باشقا دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ ،ئالدىن پىلانلاش ئارقىلىق ساختا نەق مەيدان ياساپ ،ئاندىن ئۈندىدارنىڭ “摇一摇”دېيىلىدىغان ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ،زىيانكەشلىك نىشانىنى 15 ياشلىق بىر قىز قىلىپ بېكىتكەن ،ۋە سىرىتقا چىقىپ بىللە ئويناشنى باھانە قىلىپ قىزنى ئالداپ ئېلىپ چىققان ۋە تۇتقۇن قىلىش بىلەن بىرگە باسقۇنچىلىق قىلغان .


ئۈلگىلىك دېلو مىساللىرى ئىچىدىكى يەنە بىرى بولسا ،قانۇنسىز پائالىيەت تەشكىللەش ۋە تەشكىلات قۇرۇش QQدا پاراڭلىشىشتىن كۆپرەك پەيدا بولىدىغان بۇلۇپ ،QQدا تونۇشقان دوستلارنى قانۇنسىز پائالىيەت ئىچىگە باشلاپ كىرىش بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن .

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى يەن ماۋ كۈن تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :‹ 20 ياشلىق جىياڭ فامىلىلىك قىز توردا تونۇشقان دوستى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن .كېيىن دېلونى پاش قىلىش ئارقىلىق جياڭ فامىلىلىك بۇ قىزنىڭ توردا تونۇشقان دوستى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ،ئۆزىنىڭ قانۇنسىز تەشكىلاتقا كىرىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى سېزىپ قالغاچقا ئوغرىلىقچە دېرىزىدىن سەكرەپ قېچىش جەريانىدا ،بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ›.


ئۈلگىلىك دېلو مىساللارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر چېتىشلىق مەزمۇن بولسا ،توردا لايىق تۇنۇشتۇرۇش ۋە لايىق تۇنۇشتۇرۇش تور بېكىتى سەۋەبىدىن ئالدىنىپ قېلىش ئىكەن .بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دېلو مىسالدا بايان قىلىنىشىچە ،جاۋابكار خۇاڭ سۇئەن ساختا كىملىك ۋە ساختا پاسپورت ياسىتىپ ، لايىق تۇنۇشتۇرۇش تور بېكىتىدە ئۆزىنى مەلۇم بىر شىركەتكە مەبلەغ سالغان پايچىك دەپ كۆرسىتىپ ،دەۋاگەر شيې خانىمنىڭ 705 مىليون پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ،شىيې خانىم پەقەت 355 مىليون پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالالىغان .نۆۋەتتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان دىلولاردا مەزكۇر تور بېكەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرمە قىلىۋاتىدۇ .
ئالىي خەق سوت مەھكىمىسى ياش دوستلارنى ۋە كەڭ تورداشلارنى تور بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ ،توردا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى .

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315