ئەمگەك توختامىدا قانداق مەزمۇن بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلەمسىز ؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 18:09

بۇ ھەقتە 2012-يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2013 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 17– ماددىسىدا ئەمگەك توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇن بولۇشى كېرەك دېيىلگەن :

 (1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى؛

 (2) ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نومۇرى؛

 (3) ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى؛

 (4) قىلىدىغان ئىشى ۋە ئىش ئورنى؛

(5) ئىش ۋاقتى ۋە ئارام ۋاقتى – ئارام ئېلىش كۈنلىرى؛

 (6) ئەمگەك ھەققى؛ 

(7) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا؛

 (8) ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپىي خەۋپ مۇداپىئەسى؛

(9) قانۇن – نىزاملاردا ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار. ئەمگەك توختامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زۆرۈر مەزمۇنلاردىن باشقا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى، تەربىيەلەش، مەخپىيەتلىك ساقلاش، تولۇقلىما سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىق باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ.‏

تۆۋەندىكى 4 خىل بىمارغا ياردەم بېرىلىدۇ

3-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتى 2015-يىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلدى. پىلاندا 7 مىلىيون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭدىن ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بالىدىن 100 نەپەر، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىدىن 135 نەپەر، تاڭلاي كالپۇكى يېرىق بالىدىن 50 نەپەر ۋە 60 نەپەر بالىياتقۇ بوينى تەڭگىسىمان ھۈجەيرە  راكىغا گىرىپتار بولغان نامرات كىشىگە ياردەم بېرىش نىشانلانغان.

         بۇ تۆت خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا تۆۋەندىكى شەرتلەر بويىچە ياردەم قىلىنىدۇ:

1، كىچىك پەرىشتە فوندى (ئاق قان كېسىلى بىمارلىرى ئۈچۈن) (小天使基金):

         14 ياشقا توشقان ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك، ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار بالىلار، بىۋاستە ھالدا نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى (ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايى) دىكى ناھىيەلىك ياكى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك قىزىل كىرىسىت جەمئىيتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ تىزىملاتسا بولىدۇ، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئاق قان كېسىلى بار بالىلار، بىردەك ھالدا 30 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيتى بارلارغا يەنە 20 مىڭ يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.

2، پەرىشتە ئاپتاپ فوندى (تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار ئۈچۈن) (天使阳光基金):

         14 ياشقا توشقان ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك، ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك بولغان بالىلار. ( داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياكى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %90 كە يېتىدىغان ياكى ئاشىدىغان رايونلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار بۇنىڭ سىرتىدا) بىمارنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى (ياكى تۇرۇشلۇق جايى) دىكى ناھىيەلىك ياكى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ تىزىملاتسا بولىدۇ. ياردەم بېرىش سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.

3، پەرىشتە جىلىۋىسى فوندى (تاڭلاي كالپۇكى يېرىق بالىلار ئۈچۈن) (嫣然天使基金)

         بىمار بالىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى (ياكى تۇرۇشلۇق جايى) دىكى ناھىيەلىك ياكى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ تىزىملاتسا بولىدۇ. ئىلتىماس تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەرىشتە جىلۋىسى فوندى، بىمار بالىلارنىڭ تاڭلاي كالپۇكى يېرىقىنى تۇنجى رەت ياماش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىش، چىش ئوقۇرى يېرىقى قاتارلىقلارنى ياماش ۋە  فونكىسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 4،سۆيگۈ پەرىشتىسى فوندى (بالىياتقۇ بوينى تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى بىمارلىرى ئۈچۈن ) (爱之天使基金)

         ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن، خىمىيەلىك داۋالاشقىلا ماس كېلىدىغان بالىياتقۇ بوينى تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى بىمارلىرى، ئاپتونوم رايون تەسىس قىلغان «سۆيگۈ پەرىشتىسى» (爱之天使)  مەخسۇس قۇتقۇزۇش فوندىغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق بېكىتىلگەن دوختۇرخانا (شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى) دا 20 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

 

 يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە ماس كېلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە شىنجاڭ قىزىل كىرىسىت جەمئىيتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم سورىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تېلېفون: 0991-2565287

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315