بىر ئەر ئەرىز قىلىپ ئاخىرى ئۈگەي ئانىسى بىلەن توي قىلغان

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 18:04

چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە ئايلىق دەۋادىن كېيىن، فرانسىيەلىك بىر ئەر شۇ جاي ۋاقتى 4-ئۆكتەبىر دادىسىنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنى بىلەن توي قىلغان. خەۋەرگە قارىغاندا، 45 ياشلىق ئېرىك فولدېر ئۆگەي ئانىسى ئىلزابىت لورېنتز بىلەن 4 – چىسلا فرانسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مېس شەھىرى ئەتراپىدىكى دابو يېزىسىدا توي قىلغان. فرانسىيە قانۇنىدا ئۆگەي ئانا، ئۆگەي دادا ئۆگەي بالىلىرى بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بۇندىن بۇرۇن، لورېنتز مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك كۆپ قېتىم دەۋا قىلغان، ھەتتا فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندىنىڭ ئىشخانىسىغىمۇ بارغان. بىراق قانۇن رۇخسەت قىلمايدۇ دېگەن جاۋابقىلا ئېرىشكەن.

قانۇندا گەرچە فولدېر بىلەن لورېنتزنىڭ توي ئىشىغا رۇخسەت قىلىنمىسىمۇ، بىراق فرانسىيەدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ بۇ ئىككىسىنىڭ تويىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھۆكۈمگە تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسى قارشى تۇرغان، بىراق يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرزى بەرمەسلىكنى قارار قىلغان. لورېنتز مۇنداق دېدى، ئۇ ۋە فولدېرنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئەھۋالى ئۇلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جۇپلارغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، دەۋا قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئالدىنقى ئېرى بۇ دەۋادا ئۇنى قوللىغان. ئېيتىلىشىچە، فولدېر ۋە لورېنتزنىڭ تويى بولغان كۈنى، لورېنتزنىڭ ئالدىنقى ئېرى، يەنى فولدېرنىڭ دادىسىمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ تويغا قاتناشقان.

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315