15يىللىق جەمەت خارەكتىرلىك ئوغرىلار قولغا چۈشتى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 18:00

كىيىم – كېچەك دەپ خەت يېزىلغان، ئەمەلىي ئېغىرلىقى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئالاھىدە بىر پوسۇلكا تۆمۈريول ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. چاڭچۈن ۋە ئاقسۇدىكى ساقچىلارنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، چاڭچۈن شەھىرىدە ئوغرىلىق قىلىپ زاڭ مالنى ئاقسۇدا بىر تەرەپ قىلىش قىلمىشى بىلەن 15 يىل شۇغۇللىنىپ تېخىچە ئاشكارىلانمىغان، 400 دىن ئارتۇق دېلو سادىر قىلغان جەمەت خاراكتېرلىك ئوغرىلىق شايكىسى تەل – تۆكۈس يوقىتىلدى.

 

7 – مارت، ئاقسۇ پويىز ئىستانسىسى ساقچىخانىسىدىكىلەر يۈك – تاق چۈشۈرۈش ئۆيىدە يۈك – تاقلارنى تەكشۈرۈۋېتىپ، چاڭچۈندىن ئاقسۇغا سېلىنغان، ئۈستىگە كىيىم – كېچەك دەپ خەت يېزىلغان، لېكىن ئېغىرلىقى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن پوسۇلكىنى بايقىدى. پۇختا ئورالغان يەشىكتە زادى نېمە باردۇ؟ ساقچىلار تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن ئىنچىكە تەكشۈردى، تەكشۈرۈش ئېكرانىدا مېتالغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە ئورالغان قارا رەڭلىك چوڭ بولاقلار كۆرۈندى. بۇ نەرسىلەر گۇمان قوزغىدى، ساقچىلار دەرھال يۈك – تاق چۈشۈرۈش ئۆيى ۋە ۋوگزال مەيدانىغا خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈك – تاقنى ئېلىشقا كېلىدىغان ئادەمنى كۈتتى. 

10 – مارت سائەت 11:00 دىن ئاشقاندا، ئىككى ئەر يېشىكنى ئېلىپ تاكسىغا بېسىپ ماڭماقچى بولغاندا، ساقچىلار نەق مەيداندا ئۇلارنى تۇتۇپ يېشىكنى ئېچىپ تەكشۈردى، يەشىكتىن كىيىمگە ئوراپ قويۇلغان يان تېلېفون، خاتىرە كومپيۇتېر، رەقەملىك سۈرەت ئاپپاراتى قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىدىن 23 ى، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 54 گىرام كېلىدىغان ئالتۇن زىبۇ – زىننەت بۇيۇمىدىن 13 يۈرۈش، 4600 دوللار، 27 مىڭ 500 يۈەن كورىيە پۇلى چىقتى. بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى بۇ قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى.

ساقچىلار قولغا چۈشۈرگەن خاتىرە كومپيۇتېرىغا ساقلاپ قويۇلغان ئالاقە ئادرېسىدىن كومپيۇتېرنىڭ ئىگىسى ياڭ x نى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشتى، ياڭ x يوقىتىپ قويغىنىغا ئىككى ئاي بولغان خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ شىنجاڭدىن تېپىلغىنىنى ئاڭلاپ، بەكمۇ خۇشال بولدى. ئەسلىدە بۇ يىل 1 – ئاينىڭ باشلىرى ياڭ x چاڭچۈن شەھىرى گۈللەندۈرۈش بانكىسىدا ئىش بېجىرىۋاتقاندا، پىكاپىنىڭ ئىشىكى قومۇرۇلۇپ، پىكاپقا قويۇپ قويغان خاتىرە كومپيۇتېرى ئوغرىلاپ كېتىلگەن ئىكەن.

ساقچىلار يەنە بىر قانچە يان تېلېفون ئىگىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭمۇ 1 –، 2 – ئايدا چاڭچۈن شەھىرىدە ئوغرىلانغانلىقىنى بىلدى.

پاكىت ئالدىدا ئىككى جىنايەت گۇماندارى جىنايەت شايكا ئەزالىرىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار ئەر – خوتۇن، ئوغۇل، قىز، كۈيئوغۇل قاتارلىق ئون كىشىدىن تەركىب تاپقان جەمەت خاراكتېرلىك ئوغرىلىق شايكىسى بولۇپ، بەزىلىرى پايلاقچىلىق قىلىشقا، بەزىلىرى ئوغرىلىق قىلىشقا، بەزىلىرى خېرىدار ئىزدەشكە مەسئۇل ئىكەن، ئۇلار 1996 – يىلىدىن بۇيان چاڭچۈن شەھىرىدە ئوغرىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.

چاڭچۈن شەھىرىدىكى ساقچى تارماقلىرى ئاقسۇ پويىز ئىستانسىسى ساقچىخانىسى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، چاڭچۈندە باشقا سەككىز جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى، نەق مەيداندا 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى يان تېلېفون، نەق پۇل قاتارلىق زاڭ ماللارنى قولغا چۈشۈردى

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315