16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ توكسىكىلىت ھەيدىشى مەنئى قىلىنىدۇ

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 17:59
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ توكسىكىلىتنى باشقۇرۇش چارىسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹چارە››دەپ ئېلىندى) مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، بۇ چارە 1 – مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
    ‹‹چارە››گە ئاساسەن، توكسىكىلىت ھەيدىگۈچى 16 ياشتىن ئاشقان بولۇشى ھەمدە قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەردە كۆرسىتىلگەن بىخەتەر ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان جىسمانىي كەمتۈكلۈكى بولماسلىقى كېرەك. توكسىكىلىت ھەيدىگەندە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈشى، توكسىكىلىتقا نومۇر تاختىسى ئېسىشى؛ قاتناش بەلگە چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىغا رىئايە قىلىشى؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى، پىيادىلەر توغرا يولى ياكى كۆتۈرمە كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، توكسىكىلىتتىن چۈشۈپ ئىتتىرىپ مېڭىشى؛ تورمۇز ئىشلىمىگەندە، توكسىكىلىتتىن چۈشۈپ ئىتتىرىپ مېڭىشى كېرەك.
    ‹‹چارە››يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، موتورلۇق ۋە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يول ئايرىلغان يولدا يۈرگەندە، توكسىكىلىتنى موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ھەيدىشى؛ مەركىزىي سىزىق، موتورلۇق ۋە موتۇرسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى ئايرىلمىغان يولدا يۈرگەندە، توكسىكىلىتنى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ھەيدىشى كېرەك.
    توكسىكىلىتقا باسقان نەرسىنىڭ ئېگىزلىكى، يەر يۈزىدىن ھېسابلىغاندا 1.5 مېتىردىن؛ ئىككى يان كەڭلىك ئىككى تەرەپ رولدىن ھېسابلىغاندا 0.15 مېتىردىن؛ ئۇزۇنلۇقنىڭ ئالدى بېشى توكسىكىلىت چاقىدىن، كەينى بېشى توكسىكىلىت ئومۇمىي گەۋدىسىدىن 0.3 مېتىردىن؛ باسقان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، توكسىكىلىت رولىغا نەرسە – كېرەكلەرنى ئېسىۋېلىشقا بولمايدۇ.
    توكسىكىلىت ھەيدەپ پەيدا بولغان قاتناش ھادىسىسى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن – نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315