مۇنداق ئەھۋالدا تۆلەم تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 17:53
سوئال:
  2013-يىلى 6- ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3  تە، غەيرەت ئەپەندىم مەلۇم سودا سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى گۆش تۇخۇم پوكىيىنىڭ يېنىدا مال تاللاۋاتقاندا، پوكەينىڭ مېتال ئەسلەھەسىدىن توك ئۆتۈپ كېتىپ، غەيرەت ئەپەندىنى توك سوقىۋەتكەن، دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سول قولى توك زەربىسىدىن زەخمىلەنگەن دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. غەيرەت ئەپەندى بىلەن سودا ساراي ئوتتۇرىسىدا تۆلەم مەسىلىسىدە تالاش تارتىش يۈز بەرگەن، غەيرەت ئەپەندى سودا ساراي بىلەن كۆپ قېتىم مەسلەھەتلەشكەن بولسىمۇ ، بىرلىككە كېلەلمىگەن. ئۇنداقتا سودا سارىيى غەيرەت ئەپەندىگە قارىتا چىقىم تۆلىمىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى بولامدۇ؟
   جاۋاپ:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش مەسئۇلىيىتى قانۇنى» نىڭ 37- ماددىسىدا: ”مېھمان ساراي، سودا ساراي، بانكا، بېكەت، بەزمىخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش خادىملىرى ياكى ئاممىۋى خارەكتىرلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگۈچىلەر، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، باشقىلارنىڭ زىيانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ھوقۇققا چېقىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ“دەپ بەلگىلەنگەن. تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن توۋار ياكى مۇلازىمەت  جىسمانى ۋە ماددى بىخەتەرلىك تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك. بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى بولسا قانۇنغا ئاساسلىنىپ سەمىمىيلىك ۋە ئادىللىق پىرىنسىپى بويىچە تۇرغۇزۇلغان قانۇنى مەسئۇلىيەت، تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى بەلگىلەشتىكى مەخسەت شۇكى: تىجارەتچىلەر تىجارەت سورۇنىنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىلەر بولۇپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرنى ۋە زىياننى ئالدىن كۆرەلەيدۇ ھەمدە خەتەر مەنبەسىنى كونتۇرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. تىجارەتچىلەر مۇۋاپىق دەرىجىدىكى مۇۋاپىق دائىرىدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىستىمالچىلارنىڭ جىسمانى جەھەتتىن زىيانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، مۇناسىپ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ دىلودا، سودا ساراي غەيرەت ئەپەندىگە قارىتا مۇۋاپىق دەرىجىدىكى مۇۋاپىق دائىرىدىكى بىخەتەرلىك كاپالەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، غەيرەت ئەپەندىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاكىت ئېنىق، شۇڭا غەيرەت ئەپەندىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك   

يانفۇندا كۆرۈش
    315