ئىسمى«ياردەمچى»، ئەسلى ئالدامچى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 17:50

تۇردى(39ياش) توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا مەلۇم كەنىتتە ئامانلىق مۇدىرى بولۇپ بىر مەزگىل ئىشلىدى، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلى خىزمەتتىن ئايرىلىپ سودا قىلماقچى بولدى، بىراق مەبلەغ يوق ئىدى. ئۇ 2001-يىلى نۇيابىرنىڭ باشلىرى پۇلنىڭ غېمنى قىلىپ يۈرگەندە توقسۇ ناھىيە مەلۇم بانكىدا ئىشلەيدىغان تونۇشى ھوشۇر (كېپىللككە بىرىلگەن) بىلەن ئۇچىرىشىپ قېلىپ، بىللە تاماق يىدى. تۇردى پاراڭ ئارلىقدا ھوشۇردىن بانكىدىن قەرىز ئېلىشتا قانداق رەسمىيەتلەرنىڭ كىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر تولۇق بولسا، ھوشۇرنىڭ ياردىمدە بانكىغا بارمايمۇ بېجىرگىلى بولدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كاللىسدا باشقىچە ئوي پەيدا بولدى. ئۇ ھوشۇرغا:
-ئاغىنە،بىزدە قول قولنى يۇسا،قول قوپۇپ يۈزىنى يۇيىدۇ ،دەيدىغان گەپ بار. ھازىر دەل پۇلغا مۇھتاج بولىۋاتىمەن، شۇڭا قەرىز ئالدىغان بىر نەچچە كىشنىڭ ماتېرياللىرىنى تەخ قىلىپ بەرسەم، قەرز رەسمىيتىنى بېجىرىپ بەرگىن. ئۇلارغا «ئىش پۈتمەي قالدى» دەپ قويۇپ، پۇلنى مەن ئىشلىتىپ تۇرسام قانداق؟ پۇللارنى بىر دوملىتىۋېلىپلا قەرزنى مۇددىتى ئىچدە ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۋىتىمەن. خاتىرجەم بول،ساڭا گەپ كېلىدىغان ئىش قىلمايمەن.
ھوشۇر:«قولۇمدىن كېلىغان بولغاندىكىن ياردەم قىلسام قىلاي» دەپ ئارتۇقچە ئويلانمايلا ماقۇل بولدى .تۇردى شۇ يىلى 15-نويابىر ئىلگىرى ئىشلىگەن كەنىتكە ئابلىزنى ئىزدەپ باردى.
-ئاداش ئۆتكەندە قەرىز ئېلىپ باقمىچىلىق ئىشلىرىمنى كېڭەيتسەم دەۋاتاتتىڭ، بانكىدا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم بانكىنىڭ يېقىندا تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېجىرىش پائالىيتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئېيىتتى، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىڭنى بەرسەڭ،قەرز ھەل قىلىپ بىرەي،ساڭا قىلغان ياخشىلقىم بولۇپ قالسۇن، قانداق؟
بۇ گەپىى ئاڭلىغان ئابلىز خۇشاللىىقىدا ئەتىلا بارلىق ماتىرياللىرىنى تەييارلاپ بېردىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئابلىز ئەتىسى تۇردىنڭ ئۆيىگە دېگەن ۋاقىتتىن بۇرۇنراق بېرپ، ئۆزى ھەم ئايالىنىڭ كىملىك، نوپۇس قاتارلىق نەرسىللىرنى تۇردىغا بەردى. تۇردى ماتىرىياللارنى ئېلىپلا ھوشۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ، 40مىڭ يۈەن قەرز ئېلىش رەسمىيتى بىجىردى. ھەپتىدىن كېيىن تۇردى ئابلىزنى ئىزدەپ بېرىپ:
-مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قەرز ھەل بولماپتۇ، بىراق تونۇشۇم كېلەر قېتىمقى قەرز بېرىش باشلانغاندا سېنىڭكىنى باشتا ھەل قىلىپ بېردىغان بولدى،-دەپ ماتىرىياللىرنى قايتۇرۇپ بەردى. ئابلىز بۈگۈن پۈتمىسە ئەتە پۈتۈپ قالار دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەردى،ئەمما ئۇ ئۆزىنڭ بانكىغا 40مىڭ يۈەن قەرىز بولۇپ قالغانلىقى،پۇلنىڭ تۇردىنڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ بولغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. تۇردى ئابلىزنىڭ نامىدا قەرز ئالغان 40مىڭ يۈەننڭ 20مىڭ يۈەنىنى بانكىغا قايتۇرۇپ،قالغان 20مىڭ يۈەننى ئۆزى ئىشلەتتى.
ئاردىن بىر ئاي ئۆتتى. تۇردى بانكىنىڭ بۇ ئىشنى بايقىمىغانلىقى،ئابلىزنىڭمۇ ئۆزنى ئىزدەپ كەلمىگەنلىكىگە قاراپ،يەنە ئوخشاش ئۇسۇلدا پۇل تاپماقچى بولدى. ئۇ شۇ يىلى 10-ئۆكتەبىر يەنە شۇ كەنىتتىكى مىجىت بىلەن ئايالغا :« سىلەرگە بانكىدىن قەرز ئېلىپ بېرىمەن» دەپ، كىملىك نوپۇس دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسنى ئېلىپ،بانكىدىن ئۇلارنىڭ نامىدا 30مىڭ يۈەن قەرز ئالدى. ئارقىدىن ئۇلارغا قەرىز ھەل بولمىدى، دەپ قويۇپ، پۇلنى يەنە چۆنتىكىگە سالدى. جاپا تارتمايلا كىلۋاتقان پۇللار تۇردىنڭ نەپسىنى تېخمۇ يوغانتىۋەتتى. ئۇ دەسلەپتە پۇللارنى سودىنى يۈرۈشتۈرۋېلىپلا قايتۇرۋىتىمەن ، دەپ ئويلىغان بولسا، كېيىنچە پۇل قايتۇرۇش دېگەن ئۇقۇم كاللىسدىن ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ خىيالى يەنە كىملەرنىڭ نامىدا قەرىز ئالسام بولار،قانچە پۇل ئالسام بولار دېگەندە ئىدى. ھوشۇرمۇ تۇردىنڭ قەرزى ھەل بولغاندا ئۆزىگە ئانچە- مۇنچە پايدىسى تېگۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ كەتمىدى .
شۇنداق قىلىپ تۇردى ئوخشاش ئۇسۇلدا باشقىلارغا ئىمزا قويدۇرۇپ،جەمئى بەش قېتىمدا 101 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئككى قېتىمدا 17مىڭ 500يۈەننى بانكىغا قايتۇردى. قالغىننى ئۆز ئىشغا ئىشلەتتى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، تۇردىنڭ سودىسى سۇ   ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك جىمجىتلا بېسقىپ كەتتى، پۇللىرىمۇ خەجىلىنىپ تۈگىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا بانكا تەرەپ قەرىز ئالغۇچىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېين، قەرىزدارلارنى ئىزدىدى،7 قەرىزدار بۇ پۇللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتتى.ئەينى ۋاقىتتا تۇردىنىڭ قەرىز پۇل ھەل قىلالمىغانلىقنى ئېيىتتى،بانكا تەرەپ شۇندىلا بۇنىڭدا بىر ئويۇن بارلىقىنى سەزدى، بۇ يىل2-ئىيۇن مەزكۇر بانكىنڭ قانۇنى ۋەكىلى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋىدكا چوڭ ئەتىرتىگە دېلو مەلۇم قىلدى.
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسى بۇ يىل 22-ئىيۇل جىنايەت گۇماندارى  تۇردىنى كىردىت ئالدامچىلقى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315