توققۇز تۈرلۈك ئۆلۈم جازاسى جىنايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلماقچى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 17:43
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27-ئۆكتەبىر جىنايى ئىشلار قانۇنىغا رەسمىي تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدىن بىرى ئۆلۈم جازاسى تەدبىقلىنىدىغان جىنايەتلەرنى قەدەممۇ-قەدەم ئازايتىش، لايىھەدە مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق توققۇز جىنايەتكە قارىتا جازالاش بەلگىلىمىسىنى تەڭشەپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغان.1997-يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىر قېتىم قارار قىلىش ۋە سەككىز قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزدى ھەمدە تولۇقلىدى. بۇ قېتىم جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغان توققۇز تۈرلۈك ئۆلۈم جازاسى جىنايىتى ئايرىم-ئايرىم: قورال-ياراق، ئوق-دورا ئەتكەسچىلىك جىنايىتى، يادرو ماتېرىياللىرىنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، ساختا پۇل ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، ساختا پۇل ياساش جىنايىتى، مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى، تېنىنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، تېنىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتى، ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى، ئۇرۇش ۋاقتى پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ خەلقنى قايمۇقتۇرۇش جىنايىتى. 
    

يانفۇندا كۆرۈش
    315