قەبرىستانلىقتىكى خېروئىن سودىسى

تەھرىر: tursun   مەنبەسى:未知   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-02 17:39

35 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان نۇردۇن كۇچا ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بازىرىدىن بولۇپ، تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپلا ئوقۇشتىن توختاپ كۈنلىرىنى بىكارچىلىقتا ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىرەر ھۈنەر-كەسپ ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ نۇردۇنغا خۇشياقمىدى، ئاقىۋەتتە نۇردۇن بىلىپ-بىلمەيلا خېروئىن چېكىشنى ئۆگىنىۋالدى. ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇللار ئۇنىڭ خۇمارىدىن چىقىشقا يەتمىگەچكە ئۆزىمۇ خېروئىن سېتىشنى كەسپ قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى 6-ئايدا زەھەر سېتىش جىنايىتى بىلەن توقسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ يەنە زەھەر چېكىشنى داۋاملاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن 2011-يىلى ج خ ئورگىنى تەرىپىدىن ئىككى يىل مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئورنىغا ئېلىپ كېتىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن قايتىپ چىقىپ يەنە كونا كېسىلى قوزغىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن 2013-يىلى 4-ئايدا زەھەرسىزلەندۈرۈش ئورنىدا تونۇشقان ئوسمان بىلەن كۆرۈشۈپ بەش گىرام خېروئىن سېتىپ بەردى، 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى نۇردۇن كۇچا ناھىيەسىدىكى مەلۇم قەبرىستانلىقتا ئوسمانغا يەنە 12.9 گىرام خېروئىننى 9000 يۈەنگە سېتىپ بېرىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى. نۇردۇننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغاندا يەنە 1.3 گىرام خېروئىن ھەم چۇمادو قاتارلىق نېرۋىنى مەست قىلغۇچى دورىلار تېپىلدى. نۇردۇن شۇ كۈنىلا توختىتىپ قويۇلۇپ، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى قولغا ئېلىندى.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسى نۇردۇننىڭ زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئۇنىڭغا مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىش، قوشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراپ قويۇش ھەققىدە 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى. نۇردۇن ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرز بەردى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى 2-سوتتا قاراپ چىقىپ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى كېسىم چىقىرىپ نۇردۇننىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلدى. يېقىندا ئۇ مەلۇم تۈرمىگە جىنايى جازا ئۆتەش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلدى.

 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315